ئاپتونوم رايونىمىزدا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلدى
【发布时间】2019-05-10  作者:xirenay  来源:新疆新闻在线网

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نى چۆرىدەپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرگەن. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتى %94.2 كە يەتكەن. 

 ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىلىدىن باشلاپ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئۈستىقۇرۇلما جەھەتتىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭى لايىھەسى» ۋە «مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق سىياسەت- ھۆججەتلەرنى كەينى- كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلار، قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار» دىن ئىبارەت تۆت تىزىملىك ۋە خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا، ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ تولۇق سېلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9 كە؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.3 كە؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئۆرلەش نىسبىتى %97.3 كە يەتتى. 

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زۆرۈر بولغان يېزىلاردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ۋە يېزا- بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇپەتتىش قىلىپ باھالاشتىن ئۆتكەن ناھىيە (شەھەر، رايون) 69 غا يېتىپ، %70.4 نى ئىگىلىدى. 8 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئومۇمىي دائىرە بويىچە ئۆلچەمگە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، جەمئىي 4 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» ۋە «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» تا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدۇق. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا «قوش لىنىيە بويىچە ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى» نى ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنى %94.2 كە يەتكۈزدۇق. 

 بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك مائارىپقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تولۇقلىما قىلىدىغان «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. 2018- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تۈرلۈك ياردەم مەبلىغى جەمئىي 4 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جەمئىي 3 مىليون 60 مىڭ ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش نىسبىتىنى %95 ئەتراپىغا يەتكۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندا، مائارىپنى ئالدىنقى قاتارغا قويۇپ، ئارقىدا قالدۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش باسقۇچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ دىققەتنى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي