ئالتاي ۋىلايىتى: تۇنجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قۇرۇلدى
【发布时间】2019-05-20  作者:xirenay  来源:天山网

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۇنجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى يېقىندا ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقىدىن ئۆتتى ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا سۇنۇلدى.

  ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ساياھەت ئالاھىدىلىك قىلىنغان، ئوقۇش تارىخى مائارىپى، كەسپىي تەربىيەلەش، تېخنىكا مۇلازىمىتى بىرگەۋدىلەشكەن ئالىي كەسپىي مائارىپىدىكى ھۆكۈمەت ئاچقان پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ. بۇ شۆيۈەندە ساياھەت باشقۇرۇش، مېھمانخانا باشقۇرۇش، ئىستىراھەت ساياھىتى، ساياھەت جابدۇقلىرى، مەدەنىيەت ساياھىتى قاتارلىق بەش فاكولتىت، ساياھەت باشقۇرۇش، مېھمانخانا باشقۇرۇش، چارۋا مال دوختۇرلۇقى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش بىلەن رېمونت قىلىش تېخنىكىسى، ناخشا-ئۇسسۇل، ئورۇنداش قاتارلىق ئالتە كەسىپ بار. بۇ شۆيۈەننىڭ قۇرۇلۇشى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالىي كەسپىي مائارىپى يوق بولۇشتەك بوشلۇقىنى تولدۇردى.

  ھازىر، ئالتاي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ باغچە رايونى قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، 4500 نەپەر ئوقۇغۇچىنى سىغدۇرالايدۇ، شۆيۈەن بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.


相关阅读