ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىلى جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى، يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى
【发布时间】2019-05-29  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىلى جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى، يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى.

 «مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى»، «مۇھاكىمە ۋە بايان» دىن ئىبارەت ئىككى پەندىن يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 85 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايونمىزدىكى 5-، 6- تۈردىكى جاپالىق، چەت رايونلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 80 بولدى. «مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى»، «مۇھاكىمە ۋە بايان»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىي پەن تۈرى» دىن ئىبارەت ئۈچ پەن ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 125 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى 5-، 6- تۈردىكى جاپالىق، چەت رايونلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 120 بولدى. بىر پەندىكى ئىمتىھان نەتىجىسى يوقلار، «دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئاساسىي بىلىملىرى» دە لاياقەتسىز بولغانلار، شۇنداقلا سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغانلار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدۇ.

 ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇرى يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىگە يەتكەندە، خىزمەت ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھان نامزاتىنىڭ 1:3 نىسبىتىگە ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىپ، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرىدىغانلار بېكىتىلىدۇ؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەندە، ئەمەلىي ئادەم سانى بويىچە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسا بۇلىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون بويىچە تاللاپ تەڭشەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 85 بولدى. يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىدىن يۇقىرى بولغانلار، ھەر بىر خىزمەت ئورنىغا ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىپ، خىزمەت ئورنىغا قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانىنىڭ 1:1.5 نىسبىتى بويىچە تەكشۈرۈش نامزاتى بېكىتىلىدۇ. 

 يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش 6- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ يۈز تۇرانە ئىمتىھان 6- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتىگە چىقىپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ.




相关阅读