ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 220 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى
【发布时间】2019-06-08  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

 6-ئاينىڭ 7-كۈنى 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 220 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. جايلار ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشىگە ھەمدەم بولدى.

 ئەتىگەن سائەت 7:30 دا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قاتناش ساقچىلىرى دەل ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا كىلىپ، ئىمتىھان نۇقتىلىرىنىڭ قاتناش تەرتىپىنى ساقلىدى. ھەر قايسى ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىدىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتلىرىمۇ كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەتراپىدىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى ۋاڭ جانەن مۇنداق دېدى: خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىمىزدىكىلەر ئاتا- ئانىلارنى سۇ ۋە ئورۇندۇق بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان سايمانلىرى بىلەن تەمىنلىدۇق. ئەتراپتىكى باشقا خەلققە قولاي ساقچى پونكىتلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا خاتا كىرىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق ھەمدە مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتى تەشكىللىدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كۈنلۈك تەييارلىدۇق. 

 سەمىمىي ۋە ئەتراپلىق مۇلازىمەت ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتتى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى ماھىنۇر مۇنداق دېدى: مەن ئەتىگەن سائەت 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئىمتىھان نۇقتىسىغا يېتىپ كەلدىم. ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا مەھەللە خىزمەتچىلىرى، قاتناش ساقچللىرى، مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر بار ئىكەن. ئۇلار ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى.

 بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 76 ئىمتىھان رايونى، 210 ئىمتىھان نۇقتىسى، 8 مىڭ 522 ئىمتىھان مەيدانى تەسىس قىلىندى. جايلار ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشىگە ھەمدەم بولدى.

 سانجى شەھىرىدە 5 ئىمتىھان نۇقتىسى بولۇپ، ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا داۋالاش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش ساقچى قاتارلىق تارماقلار بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەردى. مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى «مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان سايمانلىرى، ئىچىملىك سۇ، ئاپتوموبىللارنى ئالدىن كېلىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ دوختۇرى لى فاڭلەن مۇنداق دېدى: بىز ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ۋە قان شېكىرى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بەزى دورىلار ھەمدە زەخىملەنگەن جاينى تېڭىش دورىلىرىنى تەييارلىدۇق. بىز ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 قۇمۇل شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل دوستلۇق جەمئىيىتى 40 مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز توشىدى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇش مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ۋاڭ پېڭ ئەتىگەن سائەت 6:30 دىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچى- تېشىنى پاكىز سۈرتتى. بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىگە يېشىل لېنتا باغلاپ قويدى. سائەت 7:30 دە، ئۇ پۈتۈشكىنى بويىچە ئىمتىھانغا ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. سائەت 8:00 دە، ۋاڭ پېڭ ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قۇمۇل شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئاپتوموبىلدىن چۈشكەندە، ئۇ بۇ ئوقۇغۇچىغا كەيپىياتىنى تەڭشەپ، جىددىيلەشمەسلىكنى ئېيتتى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى سۇڭ يەنلىڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە يولدىشىم بالىمىزنى ئىمتىھانغا مەيدانىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولغان ئىدى. ئەمما، يولدىشىمنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قالغاچقا، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشتۇق. ۋاڭ ئۇستام بىزنى ئىمتىھان مەيدانىغا ئاپىرىپ كېلىشكە ناھايىتى تېزلا ماقۇل بولدى. ئۇ بىز بىلەن كېلىشىپ قويغان ۋاقىتتىن ئون مىنۇت بۇرۇن ئۆيىمىزگە كەلدى، ۋاڭ ئۇستامغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

 تۈنۆگۈن چۈشتىن بۇرۇن، كۈنەس ناھىيەسىدىكى بىر ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى تۇنجى پەن ئىمتىھانىنى بېرىشكە يەنە 30 نەچچە مىنۇت قالغاندا، كىملىكىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، دەرھال يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. قاتناش ساقچىلىرى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئاپتوموبىل بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ كىملىكىنى ۋاقتىدا ئۈلگۈرتۈپ ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى ئىمتىھان مەيدانىغا ۋاقتىدا كىرەلىدى. ئىمتىھان بەرگۈچى ئوقۇغۇچى ئېلىياس مۇساجان مۇنداق دېدى: ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىۋاتقاندا، كىملىكىم تېخى يېنىمدا ئىدى. جىددىيلىشىپ قالدىممۇ، كىملىكىمنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ساقچى تاغىلارنىڭ ۋاقتىدا ياردەم قىلىشى بىلەن ئىمتىھانغا كېچىكىپ قالمىدىم.

 تەرجىمان: مەدىنە 

 


相关阅读