پەن- تېخنىكا كىچىك دەرسخانىسى چوڭ ئارزۇنى قوزغىتىدۇ
【发布时间】2019-08-13  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭى بازار كوچا باشقارمىسى باغچى مەھەللىسىدە بىر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى بار. بۇ مۇلازىمەت پونكىتى ھەر ھەپتىدە يولغا قويغان ئۈچ سائەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ساۋاتلىرى كىچىك دەرسخانىسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا- ئانىلارنى جەلپ قىلدى.

 دەرس ۋاقتىدا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا- ئانىلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىلىم- پەننىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. ئوقۇغۇچى مۇزەپپەر مەمەت: «مەن بۇ يەرنىڭ پەن- تېخنىكا ئەسلىھەلىرى، گولىبۇس، قۇياش ئېنېرگىيىلىك ئاپتوموبىل، كۆپۈك چىقىرىش ماشىنىسىنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ھازىردىن باشلاپ پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، راكېتاغا چىقىپ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئاشۇ سىرلار ئۈستىدە ئىزدەنگۈم بار» دېدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭى بازار كوچا باشقارمىسى باغچى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى پاتىگۈل ياسىن ئۈندىدار توپىدىن مەھەللىدە ھەقسىز پەن- تېخنىكا دەرسخانىسى پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئالايىتەن بالىسىغا ھەمراھ بولۇپ بىرگە كەلدى. ئانا- بالا ئىككىيلەن قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ناھايىتى خۇشال ئوينىدى. ئۇ: «بالىلارنىڭ تەتىلدە ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈشتىن باشقا ئىشى يوق، بۇ يەردە ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندى، بالىلارمۇ مەھەللىنىڭ دائىم مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

 بۇ يىل تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان چېن زىياڭ پەن- تېخنىكىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى. ئىشىك ئالدىدا ئېچىلغان قىزىقارلىق پەن- تېخنىكا دەرسخانىسى پائالىيىتى ئۇنىڭ يازلىق تەتىلدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سورۇنى بولۇپ قالدى. دەرس بولسىلا، ئۇ بىر سائەتنىمۇ ئۆتكۈزۋەتمەي تولۇق قاتناشتى. ئۇ: «بۇ يازلىق تەتىلدە مەن بۇ يەردە نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بىلەن بىرگە، يەنە پەن- تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگەندىم، دائىم بۇ يەرگە كېلىپ پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.

 بالىلارنى ئىلىم- پەن ساھەسىگە كىرىشكە، ئىلىم- پەننى قەدىرلەش، ئىلىم- پەننى سۆيۈش، ئىلىم- پەندىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەش، ياشلار- ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ ئىلىم- پەننى بىلىش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭى بازار كوچا باشقارمىسى بۇ يىل 7- ئاينىڭ بېشىدا باغچى مەھەللىسىدە تۇنجى بولۇپ يېڭى دەۋر پەن- تېخنىكا ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيلار مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى. ھەمدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز ئېچىۋەتتى. مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار ۋە يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بالىلارغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، يەنە مۇناسىپ دەرس پىلانى تۈزۈپ، پەن- تېخنىكا پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى.

相关阅读