ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيانشان رايونىدىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى ئېچىۋېتىلدى
【发布时间】2019-08-14  作者:木拉提  来源:新疆广播电视台

 ئۈرۈمچى شەھەر تيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى تيانشان رايونى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش سىستېمىسىنىڭ ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئاتا- ئانىلار 8- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 10 دىن 8- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 18 گىچە بولغان ۋاقىتتا «تيانشان رايونلۇق باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە تىزىملىتىش سىستېمىسى» غا كىرىپ، مەكتەپكە كىرگەن بالىلارنىڭ كىملىك نومۇرىنى بىردىنبىر رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرى قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتتى.

 بۇ سىستېما پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىق يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاش بىلەن چەكلەندى. ئۇچۇر توپلاش دائىرىسى 2013- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن تۇغۇلغان ھەمدە مەكتەپكە كىرمىگەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بولدى. تىزىملىتىش دائىرىسى تيانشان رايونىدا دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇس ۋە نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولمىغان، تيانشان رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق كۆچمە نوپۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

 ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، توردا تىزىمغا ئالدۇرغان مەكتەپلەر تيانشان رايونىغا قاراشلىق دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىلەن چەكلەندى. شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «1- ئاۋغۇست» ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، بىڭتۇەن 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، بىڭتۇەن 3- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، شىنجاڭ داشۆسى شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ۋە پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بۇ قېتىمقى توردا تىزىملىتىش دائىرىسىگە كىرگىزۈلمىدى.

 تيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاتا- ئانىلارغا ئۇچۇرنى چوقۇم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن تاپشۇرۇشنى ئەسكەرتتى. ئەگەر، مەكتەپ تەرىپىدىن ساختا ئۇچۇر تولدۇرۇش ئەھۋالى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش رايونى بويىچە ئوقۇشقا كىرەلمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئاتا- ئانىلار ئالاقىلىشىش تېلېفونىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، ئالاقىدار مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى كۈتسە بولىدۇ؛ ئەگەر، سىستېمىغا كىرگىلى بولمىسا ياكى تىزىملىتىش مەغلۇپ بولسا، مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى مۇناسىۋەتلىك مەكتەپكە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ.

 ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە يۆتكىلىپ كەلگەن پەرزەنتلەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش پىرىنسىپى بويىچە: 5-، 9-، 11-، 20-، 30-، 31-، 33- باشلانغۇچ مەكتەپ، 33- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، 48- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، 65- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، 85- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، 116- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، 117- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، ئۇلانباي كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەرگە تىزىملاتسا بولىدۇ.

相关阅读