ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
【发布时间】2019-08-16  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانىسىمىز خەۋىرى:

 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، دېققەتنى مائارىپ ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن ئاشقاندا، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن 1- ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپكە قايتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پويىز كۈتۈۋاتقان ئىدى. ئۇلار تولۇق 3- يىللىقتىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشىنى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ـــ ياڭجېن 1- ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 3- يىللىقنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ لىشىن مۇنداق دېدى: بۇ يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيىگە ۋە مەكتەپكە ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان ئوقۇتقۇچى، كادىرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئازايدى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشمۇ قولايلىق بولدى. بۇ يىل بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدۇق. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىۋاستە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇردى. مەسىلەن: بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ بالىلىرىنى بىۋاستە ئېلىپ كەتتى، يەنە بىر قىسمى پويىز ئالمىشىپ كەتتى، بىز ناھايىتى ئازادە ھىس قىلدۇق، رەسمىيەتلەر ئاددىيلىشىپ، ئىشلار ناھايىتى راۋان بولدى.

 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىدە، چېتىلىدىغان تارماقلار، ئۆلكە، شەھەرلەر كۆپ، توشۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇپ، ھەر يىلى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى زور تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە كادىرلارنى تاللاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ئەۋەتەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش ئۇسۇلىدا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى قارار قىلدى. بارلىق خادىملارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئارىلاشتۇرۇپ سەپ تۈزۈپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بېلەت سېتىۋېلىش، پويىزغا ئولتۇرۇش، ئاپىرىپ- ئەكىلىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى. ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى ئىلگىرىكى ئون نەچچە كىشىدىن ئىككى كىشىگە قىسقارتتى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دېڭۋېي مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى كادىرلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پويىزغا ئولتۇرۇش تەرتىپىنى قوغداپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق. ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا شۇ كۈنى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى پويىز كۈتۈش زالىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. ئوقۇغۇچىلار بېكەتتىن چىقمايلا ئالمىشىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ قايتتى. ئىككىنچى كۈنى پويىز ئالمىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى، بەلگىلەنگەن رايوندا مەخسۇس خادىملار بىز تاللىغان مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئىككىنچى كۈنى ئاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باش تېما تەربىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا بولۇش، ئوقۇغۇچىلار قۇۋۋەت تامىقى، يەسلى مائارىپى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىنكاس كۈچلۈك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى پائال تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ھەل قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزەتتى. تىرىشىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، چىڭ تۇتۇپ قويۇپ بەرمەي، تۈرلەر بويىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ چاڭخەي مۇنداق دېدى: پۇقرالار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان بەزى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدۇق. مەسىلەن: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاشكارا بولۇش جەھەتتە، ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىشنى چىڭىتىپ، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھوقۇق ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىش، پۇل ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىش، مۇناسىۋەتكە تايىنىش قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىدۇق.

 ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتى بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ماس كەلمەسلىك مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش چارىسى» نى ئېلان قىلدى. بۇ يىل 9- ئايدا ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى، قاراماي، قۇمۇل قاتارلىق ئالتە شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ 1- باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ جيەنمىن مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سېتىۋېلىش شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئارقىلىق، بالىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەن سائەت بەش يېرىمدىن يەتتە يېرىمغىچە بولغان ئىككى سائەت ئىچىدە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى مەكتەپتە ئىشلەپ بولۇشىغا ياردەم بېرىمىز؛ ئۆگىنىشتە ئەلا بالىلارنى مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. بۇمۇ بىزنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش شۇنداقلا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىرىمىز. 

 تەرجىمان: ئامىنە 

相关阅读