بۇرچىن ناھىيەسى: ئەنئەنىۋى سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش
【发布时间】2019-08-27  作者:zulhumar  来源:天山网

  جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەغەز قىيما سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇرچىن بازىرى يوۋيىفىڭ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان يازلىق تەتىللىك «قەغەز قىيما كۇرسى»دا رەسمىي دەرس باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىزمەت ئەترىتى جىلىن سودا-سانائەت شۆيۈەنىدىن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىدار قايراتنى كۇرستا قولدا قەغەز قىيىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان، دىدار ئالىي مەكتەپتە جۇڭگو قەغەز قىيما مەدەنىيىتى دەرسلىكىنى تاللاپ ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ قولدا قەغەز قىيىش مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇمى، ئۇسۇلى ۋە ماھارىتى بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەنچە بەرگەن ھەمدە نەق مەيداندا «جۇڭگو ئارزۇسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق تېمىلاردا قەغەز قىيما قىيغان، بالىلار قەغەز قىيمىغا ناھايىتى قىزىققان.



相关阅读