ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئورۇنلار «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى
【发布时间】2019-08-30  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار بەس- بەستە «ئالتۇن كۈز ئوقۇشقا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئائىلىسى نامرات 50 مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم پۇلى تارقاتتى. بۇ يىل شەرقىي شىمال داشۆسىگە ئۆتۈپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن نامرات ئوقۇغۇچى كامىلە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىش سىياسىتى ۋە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ماڭا كىشىلىك ھاياتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىشكە كۈچ ئاتا قىلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت. مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئوقۇپ ئۆزۈمنى يۈكسەلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

 50 نەپەر نامرات مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 4 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى بىرىلدى. بورتالا ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چياڭ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز يەنە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن شەھەر، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرى، مېيىپلار، يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىمىز. كېيىنكى مەزگىلدە بىز بۇ پۇلنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىمىز. 

 مۇشۇ ئاينىڭ 26- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ شايار ناھىيە تويبولدى بازىرى پەيزىۋات كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار 18 ئوقۇغۇچىغا 18 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى ياسىن مۇنداق دېدى: تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن. 

 خوتەنلىك 500 نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇروھى بەرگەن ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇكەررەم توختىمەمەت مۇنداق دېدى: مەن دۆلەت ئېنېرگىيە گۇروھىنىڭ 5 مىڭ يۈەن ياردىمىگە ئېرىشتىم، بۇ پۇل ئائىلەمگە نىسبەتەن زور ياردەم بولدى. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىمەن. 

 2015- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇروھى فوند جەمئىيىتى ئاممىۋىي پاراۋانلىقى فوندىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، خوتەنلىك 500 نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ياردەم بەردى. ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئاجراتقان مەبلەغ جەمئىي 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2 مىڭ ئادەم قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ياردەمگە ئېرىشتى. بۇ يىل دۆلەت ئېنېرگىيە گۇروھى يەنە 2- نۆۋەتلىك ئىئانە توپلاپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پىلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يولغا قويۇپ، 2019- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە يەنە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 2 مىڭ نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ ياردەم بېرىشنى پىلانلىدى.

 تەرجىمان: ئىلمىنۇر 

相关阅读