ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-باشلانغۇچ مەكتەپ «ۋەتەن بىلەن قەلبداش بولۇش، مەدەنىيلىك بىلەن قەدەمداش بولۇش» كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
【发布时间】2019-09-04  作者:xirenay  来源:天山网

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن شۆ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ لې): «ئاخىرى ئوقۇش باشلاندى!» 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 70-باشلانغۇچ مەكتەپ «ۋەتەن بىلەن قەلبداش بولۇش، مەدەنىيلىك بىلەن قەدەمداش بولۇش» كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن، 1-يىللىقىنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، مەيدىسىگە ئوتقاشتەك قىزىل گۈللەرنى تاقاپ، خۇشال-خۇرام ھالدا مەكتەپكە كىردى. يۇقىرى يىللىقتىكى ئاكا-ھەدىلەر ئۇچىسىغا يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ، قوللىرىدا گۈللەرنى تۇتۇپ، 1-يىللىقنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 3-يىللىقتىكى ئاكا-ھەدىلەر 1-يىللىققا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قەلەم، رەسىم دەپتىرى قاتارلىق سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ 70-باشلانغۇچتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاخىردا، مەكتەپ ھەر قايسى يىللىقلاردىكى ئالدىنقى ئوقۇش مەۋسۇمىدا «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولغانلارنى تەقدىرلەپ، بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، ئەمگەك جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپتىكى چوڭ ئەترەت كادىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇردى.


相关阅读