9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ
【发布时间】2019-09-07  作者:mikray  来源:天山网

خەلق تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاددىي خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە تۆھپىلەرنى قوشقان ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئوقۇتقۇچىلارغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى نەق مەيدان بېلەت سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ، رەسمىيەت بېجىرىپ ھەقسىز كۆگەزمىگە كىرسە بولىدۇ.

相关阅读