​ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شەھەر- يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈردى
【发布时间】2019-10-13  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى چيۇ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەر- يېزىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈردى. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئاساسىي كۆرسەتكۈچلەردە يىللىق نىشان- ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن 466 مىڭ 700 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %103.7 ى، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 41 مىڭ 900 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %104.74 ى، يېزىلاردىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 575 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %95.39 ى، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 65 مىڭ 74 كىشى تەشكىللىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان ۋەزىپە %162.69 تاماملىنىپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ما جيەنيۈن مۇنداق دېدى: «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى تۈزۈپ، «كەسىپ، تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى بىرلەشتۈرۈش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، دەل جايىدا تەربىيەلەپ، تۈرلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردۇق. دېققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئۈچ يىللىق پىلاننى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2018- يىلىدىن 2019- يىلى 9- ئايغىچە، 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە «6 بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 126 مىڭ 627 ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى مۇدەتتىن بۇرۇن تاماملىدۇق.

 بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 94 مىڭ 868 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 76 مىڭ 8 ى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80.12 كە يىتىپ، ئالدىنقى يىللارنىڭ شۇ مەزگىلدىكىدىن تۇنجى قېتىم %80 لىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى. ما جيەنيۈن مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»، «ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يىتىلىش پىلانى»، «ئون مىڭ ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پراكتىكا پىلانى» ۋە «ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سەپىرى پىلانى» نى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆت بىر» مۇلازىمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىش ئورنى، سىياسەت ۋە ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىمىز. 

 تەرجىمان: رېھىمجان ئامىنە 


相关阅读