​ 2019- يىللىق ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى
【发布时间】2019-10-14  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى: 

 2019- يىللىق ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، چىڭخۇا داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 

 لى پېڭشىن سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «مىنىستىرلىق بىلەن ئۆلكە بىرلىشىپ قۇرۇش» ۋە «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. شىنجاڭ داشۆنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ئوقۇ- ئوقۇتۇش ۋە باشقۇرۇش سۈپىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى تېخىمۇ چىڭىتىلدى. 

 لى پېڭشىن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ئىقتىدارى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ داشۆ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 

 چېن شۈ نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنىڭ دۆلەتنىڭ، پارتىيەنىڭ زور پىلانى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپتۇ. بولۇپمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللاپتۇ. نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۆيۈەن قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. 

 چېن شۈ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ داشۆنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى يولى، يېڭى چارىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ پەنلەر ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىغا كۈچ قوشىدۇ. 

 يىغىندا، چىڭخۇا داشۆ ئاكادېمىك ۋە مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتى قاتارلىق مۇھىم پەن تەتقىقات سۇپىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىئەن قاتناش داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ مەيزېڭ، جۇڭشەن داشۆ پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن چۈنشېڭ يىغىنغا قاتناشتى. 

 تەرجىمان: مىھرىئاي 


相关阅读