2019-يىللىق بىڭتۇەن پىئونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
【发布时间】2019-10-26  作者:zulhumar  来源:天山网

 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، 2019ـ يىللىق بىڭتۇەن پىئونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ماھارەت مۇسابىقىسى 8- شى شىخەنزە شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش   (سۇڭ چۈنشياۋ فوتوسى) 

  ئىگىلىنىشىچە، بىڭتۇەن ئىتتىپاق كومىتېتى 9 - ئاينىڭ بېشىدا 1 - شى ئارال شەھىرىدە، 10 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 8 - شى شىخەنزە شەھىرىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى شى، شەھەر پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلىگەن.

  تەربىيەلەش كۇرسىدا مەخسۇس دەرس ئۆتۈش، نەق مەيداندا كۆزىتىش، ئوقۇتۇشنى ھېس قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ مۇددىتى بەش كۈن بولغان. بىڭتۇەن پىئونېرلار چوڭ ئەترىتى يېتەكچىلىرىنىڭ سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلىش، پىئونېرلار چوڭ ئەترىتى يېتەكچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمى  (سۇڭ چۈنشياۋ ڧوتوسى) 

  تەربىيەلەشتە نەزەرىيە سىنىقى، مەخسۇس ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماھارەت مۇسابىقىسى مۇھىم ھالقا قىلىنىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان پىئونېرلار خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن، ھەر دەرىجىلىك پىئونېرلار خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پىئونېرلار ئەترىتى تەشكىللىي تەربىيە سىستېمىسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق پائالىيەت ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات تۈرلىرى بەرپا قىلىنىپ، بىڭتۇەن ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئاساس سېلىنغان.

 «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى 

 

相关阅读