تۇرپان مۇزېيى دەرسخانىنى مەكتەپ، مەھەللىلەرگە كۆچۈردى
【发布时间】2020-01-01  作者:xirenay  来源:天山网

(سۈرەتنى تۇرپان مۇزېيى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى) يېقىندا، تۇرپان مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تارىخنى ئەسلەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى دوستلۇق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ما يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: تۇرپان مۇزېيىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەسىنى ئاڭلىدىم ھەم «قەدىمكى كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى» نى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم، مەن يۇرتۇمدىن پەخىرلىنىمەن.

  ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرى بۇيلۇق كەنت مەكتىپىدە، تۇرپان مۇزېيىنىڭ خىزمەتچىسى شۇ يەردە قېزىۋېلىنغان قەدىمىي تەڭگىنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىككە «ئىدىقۇت جىلى»، «كەييۈەن تۇڭباۋ» قاتارلىق پۇللارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەدىمىي پۇل نۇسخىسىنى ياسىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. «ئەسلى <ئىدىقۇت جىلى> پۇلى ھازىرقى خاتىرە پۇللارغا ئوخشاش ئىكەن، شۇنداقلا بۇ پۇل بازاردا ئوبوروت قىلىنمىغان ئىكەن.» دېدى ئالتىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ رۈنزې.

  تۇرپان مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى دېڭ يۇڭخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «تىرىلدۈرۈش»، مۇزېي بىلەن ئاممىنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، بۇ مۇزېي مەھەللە، مەكتەپلەردە 30 مەيدانغا يېقىن مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. «بىز <مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەرسخانىسى» نى مەكتەپ، مەھەللىلەرگە كۆچۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار، ئاھالىلەرنى يۇرتىمىزنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى، شۇنداقلا بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى دېڭ يۇڭخۇڭ.


相关阅读