شىخو شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل تۇرمۇشى مول مەزمۇنلۇق ئۆتمەكتە
【发布时间】2020-01-20  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 كىچىك دوستلار ئۇزۇندىن ئارزۇلىغان قىشلىق تەتىل يېتىپ كېلىپ، ئۇلار ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتى. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىشلىق تەتىل ئەسلىدە دەم ئېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى. لېكىن يەنە نۇرغۇن كىچىك دوستلار ھەر خىل كۇرسلارغا قاتنىشىشنى تاللاپ، ئۆزلىرىگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، تەتىللىك تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيتماقتا.

 بىراق، بالىلار قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، پىلاننى ئالدىن ياخشى تۈزۈش كېرەك. قىشلىق تەتىلدە كۆپ سانلىق بالىلار ئىنگىلىز تىلى، ئۇسسۇل، تەيچۈەن گۇمپىسى، ئېلېكتىرونلۇق رويال قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كۇرسلارغا قاتنىشىدۇ. شاد- خۇراملىق ۋە قىزىقىش ئىچىدە بىلىم ئىگىلىتىش ئارقىلىقلا، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە قىزىقىشىنى ياخشى قېزىپ چىققىلى؛ شۇنداقلا بالىلارغا كۆڭۈللۈك ئۆگىنىش، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. 

 14 ياشلىق لى جياخاۋ شىخۇ شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ 8- يىللىق 1- سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تەپمە بوكس مەشىق قىلغىلى بەش يىل بولغان ئىدى. ئۇ تەتىل قويۇپ بىرىشىگىلا، تەپمە بوكس كۇرسىغا تىزىملاتتى. لى جياخاۋ: «مەن تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا تەپمە بوكس كۇرسىغا قاتنىشىمەن. بۇ يەردە باشقا كىچىك دوستلار بىلەن دوستلىشىپلا قالماي، بوكس سەۋىيەممۇ خېلى ئۆستى. بۇنىڭدىن كېيىن مەن مەشىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەپمە بوكسنى ئاخىرغىچە ئۆگىنىمەن» دېدى. 

 تەپمە بوكس كۇرسىدىكى بالىلارنىڭ يېشى 4 ياشتىن 18 ياشقىچە بولۇپ، قىشلىق تەتىلدە تىزىملىتىپ ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇشتەك ئەھۋالغا ئاساسەن، ھەر قايسى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئالدىن ئوقۇتۇش پىلانى تۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا قاراپ تۈرگە ئايرىپ تەربىيەلىدى. شىخۇ شەھىرى «لوڭۋېي» تەپمە بوكس كۇلۇبىنىڭ ترېنېرى لۇ يۈجياۋ تونۇشتۇرۇپ: «لۇڭۋېي بوكس كۇلۇبىمىز ئوقۇتۇش پىلانىنى ئالدىن تۈزۈپ، تەكلىپ قىلىنغان كەسپىي ترېنېرلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى مۇسابىقىلەرنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ بالىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناپ، تەتىل مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ تەپمە بوكس سەۋىيەسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈرىمىز» دېدى. 

 ئىگىلىنىشىچە، شىخۇ شەھىرىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلدىن پايدىلىنىپ، تەخمىنەن 18 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى پىئانىنو، كوتو، ئاكوردىيون چىلىش، رەسىم سىزىش، ئۇسسۇل ئويناش، تىكتاك توپ، قار-مۇز تېيىلىش قاتارلىق تۈرلۈك كۇرسىلارغا قاتناشقان. 


相关阅读