شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئالىي مەكتەپ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى بېكىتىلدى
【发布时间】2020-01-28  作者:zulhumar  来源:天山网

  2020-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى بېكىتىلدى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ بىر تۇتاش ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈسە بولىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» تور بېكىتى (http://www.xjzk.gov.cn)دىن نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ ھەمدە نەتىجە قەغىزىنى ئۆزى بېسىپ چىقارسا بولىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغانلار 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش يازما ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئىلتىماس قايتا قوبۇل قىلىنمايدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەركىزى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدىكەن، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە ئاساسلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزى ئىمتىھان بەرگەن-بەرمىگەنلىكى، ئىمتىھان ئۇچۇرىنىڭ چۈشۈپ قالغان-قالمىغانلىقى، ئىمتىھان سوئالىنىڭ تەكشۈرۈلگەن-تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، نومۇرىنىڭ خاتا جەملەنگەن-جەملەنمىگەنلىكى تەكشۈرۈلىدىكەن، نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈشتە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنمەيدىكەن.

   قوشۇمچە: 2020-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى:

   1. گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى

  (1) تولۇق كۇرسنىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 180 نومۇردىن يۇقىرى ياكى 180 نومۇر بولۇشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى پەندىكى نەتىجىسىنىڭ ھەر بىرى 60 نومۇردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

  (2) ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس)نىڭ لاياقەتلىك بولۇش چېكى: ئومۇمىي نەتىجىسى 170 نومۇردىن يۇقىرى ياكى 170 نومۇر بولۇشى كېرەك.

  2. مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولۇش چېكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس دەپ ئايرىلمايدۇ، ئومۇمىي نەتىجىسى 148 نومۇر ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

 

相关阅读