ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن مەكتەپلەر مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلدى
【发布时间】2020-03-19  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق 3- يىللىق، تولۇقسىز 3- يىللىق، ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان يىللىقلىرىدا ئوقۇش باشلىنىپ دەرس ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن بۇيان، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، پىسخىكىلىق يېتەكچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

   يۇقۇم مەزگىلىدە، جايلاردىكى مەكتەپلەر توردا دەرس ئۆتۈش، ئوقۇتقۇچىلار توردا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىدىكى ئوقۇشىغا ياردەم بەردى. ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەكتەپلەر تەلەپ بويىچە، ئوقۇتۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. تېكەس ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇقسىز 3- يىللىقنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى تەلەپ بويىچە 19 كىچىك سىنىپقا بۆلۈنۈپ، ئايرىم پارتا- ئورۇندۇق سەپلىنىپ، بىر سىنپىتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى 30 دىن ئاشۇرۇلمىدى. تولۇقسىز 3- يىللىقنىڭ ئەسلىدىكى 45 ئوقۇتقۇچىسىدىن باشقا، مەكتەپ تولۇقسىز 1-، 2- يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەڭشىدى. تېكەس ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدىكى توردا ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدۇق. توردا ئوقۇيالمىغان، ئۆگىنىش ئاساسى سەل ئاجىز ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى دەرسلىك بويىچە يېتەكلەپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنى ئوڭۇشلۇق كۈتۈۋالىمىز.

   نورمال دەرس ئۆتكەندىن باشقا، ھەر قايسى مەكتەپلەر يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا يېتەكچىلىك قىلدى. بورتالا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىقىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لى شياۋلەن مۇنداق دېدى: كەچلىك مۇزاكىرە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تەكرار قىلىپ بەردۇق. بىز يەنە توردا دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاساسىنى كۈچەيتىمىز.

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، جايلاردىكى مەكتەپلەر مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى پىسخىكا دەرسى ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پىسخىكا بېسىمى ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بەردى. قاغىلىق ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يەن مۇنداق دېدى: ھەر تەرەپلىمە تەييارلىق خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلىدۇق. بولۇپمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا، ئۇلارغا پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئەڭ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە مەكتىپى ئوتتۇرا تېخنىكوم بۆلۈمى ئىلمىي باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى فېڭ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار پىسخىكا ساغلاملىق دەرسىدە دائىم پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

   باي ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3- يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى شياڭشۆ مۇنداق دېدى: ئائىلىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئازراق تەشۋىشلەنگەن ئىدىم. ھازىر ئوقۇش ئوڭۇشلۇق باشلاندى. مەكتەپ ھەممە ئىشنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىزگە پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلدى، ھازىر ئانچە ئېغىر بېسىم ھىس قىلىمىدىم.