ۋەتەن قوينىدا بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىش
【发布时间】2020-06-03  作者:xirenay  来源:新疆日报

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆسمۈرلەر - بالىلار «1 - ئىيۇن»نى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا

5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، كىچىك دوستلار ئۆزلىرى ياسىغان كىچىك قول ھۈنەر ئەسەرلىرىنى كۆرسەتمەكتە. «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مۇھىت ئاسراش ئىجادىيەت كىچىك ماھىرى. شەھەر يېشىللىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ جېن فوتوسى)

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پىيونېرلار ئەترىتى باش تېما پائالىيىتى، كۆيۈنۈش، ھال سوراش قاتارلىق شەكلى كۆپ خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارغا ساغلام، خۇشال - خۇرام، ئىللىق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىپ، ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرىنى ئىللىق چوڭ ئائىلىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈردى.

دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دۆلەت شېئىرى ئوقۇش، ئەترەت مارشىنى ئورۇنلاش. 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار دۆلەت بايرىقى ۋە ئەترەت بايرىقى ئاستىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، شەرەپ بىلەن پىيونېرلار ئەترىتىگە كىردى. «قىزىل گالىستۇك دۆلەت بايرىقىنىڭ بىر بۇرجىكى، مەن ئۇنى ئاسرايمەن، ياخشى ئۆگىنىپ، كۈنسېرى يۇقىرى ئۆرلەيمەن!» ئوتقاشتەك قىزىل گالىستۇكنى تاقىغان بۇ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىق (2) سىنىپىدىكى كىچىك دوست دۇڭ زىچېن چەكسىز پەخىرلەندى.

شۇ كۈنى، بۇ مەكتەپ «دۆلەت بايرىقى ئاستىدا خۇشال - خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىش تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇش» دۆلەت بايرىقى چىقىرىش باش تېما پائالىيىتى ۋە يېڭى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئەترەتكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. دۆلەت بايرىقى ئاستىدا، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چۇنيەن بالىلارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇن» ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنى ئوقۇپ بېرىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئەزالىرىغا قېتىرقىنىپ بىلىم ئۆگىنىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئىرادىنى تاۋلاپ، چېنىقىپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىرىشىپ يېڭى دەۋرنىڭ ياخشى ئەترەت ئەزاسى بولۇش توغرۇلۇق تەلىم بەردى.

«1 - ئىيۇن»نىڭ ئالدىنقى كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدىكى 300 نامرات ئائىلىدىكى بالىلار بىر ئالاھىدە سوۋغاتنى تاپشۇرۇۋالدى − ھەربىر بالا 1000 يۈەندىن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قانات يايدۇرغان «قۇياش نۇرى ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ھەمراھ، ئۈمىد كەلگۈسىمىزنى يارىتىدۇ» شىنجاڭ ئۈمىد قۇرۇلۇشى 1+1 ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ئىكەن. ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سەبىرنىسا مۇنداق دېدى: مەن بۇ غەمخورلۇقنى ئۆگىنىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ، ھەقىقىي قابىلىيىتىم، ئەمەلىي بىلىمىم بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىدە، بىر مەيدان ئۆزگىچە كىچىك تىپتىكى قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەسەرلىرى، بۈگۈن مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇشاللىق يەتكۈزۈلدى.» ئۈرۈمچى SOS بالىلار كەنتىنىڭ كەنت باشلىقى ياردەمچىسى ۋاڭ شىنشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: گەرچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بالىلار كەنتى يېپىق شەكىلدە باشقۇرۇشنى قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقى ئۈزۈلمىدى. بايرامنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۇلار ھۆكۈمەت، مېھرى - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ئەۋەتكەن ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئوقۇتقۇچىلار بۇ بۇيۇملارنى سوۋغات شەكلىدە بالىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىشى بىلەن، قورغاس ناھىيەلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خۇشال، رەڭگارەڭ «1 - ئىيۇن»نى ئۆتكۈزدى. مەكتەپ سىنىپنى بىرلىك قىلىپ، ناخشا ئېيتىش، ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى كۆرسەتكۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك سەھنىدە ئۆزىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەكتەپ باش تېما ئەترەت كۈنى پائالىيىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەھرىمانلارنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەپ، بالىلارنى يۇقۇمدىن كۈچ ئېلىپ، ۋەتەن بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترەتلىرى دۆلەت بايرىقى ئاستىدا نۇتۇق سۆزلەش، قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ كىچىك ئارزۇلىرى، كىچىك تەكلىپلىرىنى توپلاش، «قىزىل گالىستۇكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش» تور باش تېما ئەترەت كۈنى، 1 - سەپتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان خادىملارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش قاتارلىق مول، رەڭگارەڭ ئەمەلىيەت پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى ئىللىق ھەم ئەھمىيەتلىك بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

相关阅读