شىنجاڭنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى
【发布时间】2020-06-08  作者:xirenay  来源:天山网

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى) ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار دىققەت ! مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ 2020 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى 8 ـ ئاينىڭ 1 ـ ۋە 2 ـ كۈنلىرىگە كېچىكتۈرۈلدى، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى سائەت 00 : 12 دىن 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سائەت 00 : 18 گىچە قىلىپ بېكىتىلدى.

  6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر چوقۇم شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn/) دا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش، توردا ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىشى كېرەك، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەندە چوقۇم كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشى كېرەك، يان تېلېفوندا مەشغۇلات قىلىشنى ۋاقتىنچە قوللىمايدۇ.

  تۇنجى قېتىم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار (يېڭى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر) نەق مەيداندا جەزملەشتۈرمىسىمۇ بولىدۇ، بارلىق ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە ئورۇن ئۇقتۇرۇش قەغىزى توردا بېسىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا كىرىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە ئورۇن ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى بېسىپ چىقارسا بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئىمتىھان دەرسى «بۆلەك بويىچە پاراللېل يۆتكەش» شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەنى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەسلىدىكى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىكى دەرسلىك ئىمتىھانى، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئەسلىدىكى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى دەرسلىك ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەر بىر دەرسلىكنىڭ كونكرېت ئىمتىھان ۋاقىت بۆلىكى (چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن) ئۆزگەرمەيدۇ.

相关阅读