ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى 6 مىڭ 636 ئىشقا ئورۇنلىشىش، پىراكتىكا ئورنىنى پائال رەتكە تۇرغۇزۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەييارلىدى
【发布时间】2020-06-28  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرلىرى دۇڭ جىيۇڭ، گۇەن شياۋشياۋ خەۋەر قىلىدۇ:

 ھازىر دەل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مەزگىل. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى 6 مىڭ 636 ئىشقا ئورۇنلىشىش، پىراكتىكا ئورنىنى پائال رەتكە تۇرغۇزۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن تەييارلىدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خەن بىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 6 مىڭ 636 ئىشقا ئورۇنلىشىش، پىراكتىكا ئورنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە تارقالغان. بۇ 2 مىڭ 900 ئورگان، كەسپىي ئورۇن، 776 دۆلەت كارخانىسى ۋە 2 مىڭ 960 ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىراكتىكا قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار، پىراكتىكا مەزگىلىدە شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. يەنە، پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %50 ئىدىن تۆۋەن بولمىغان ئۆلچەم بويىچە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسى بېجىرىپ بېرىدۇ. پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن پىراكتىكا مۇددىتى توشماي تۇرۇپ پىراكتىكا قىلغۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۈزگەن ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرغان بولسا، قالغان مۇددەتتىكى پىراكتىكا تولۇقلىمىسىنى پىراكتىكا قىلغان ئورۇنغا تولۇقلاپ بېرىشكە بولىدۇ.

 خەنبىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىراكتىكا قىلىشنى خالايدىغان، ئالىي مەكتەپنى بۇ يىل پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىش ئورنى تاللىسا بولىدۇ. بىرىنچى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا بېرىپ، پراكتىكا قىلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش تارىخى ۋە كەسپىگە ئاساسەن، پراكتىكا قىلىدىغان ئورۇننى تەۋسىيە قىلىپ، «پراكتىكا قىلىشنى تىزىملاش» جەدۋىلى چىقىرىپ بېرىدۇ. پىراكتىكا قىلغۇچى كىملىك ۋە دىپلومىنى ئېلىپ پراكتىكا قىلىدىغان ئورۇنغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئىككىنچى، شىنجاڭ ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى ئارقىلىق، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان پىراكتىكا ئورنىنى ئىزدىسە، تاللىسا ھەمدە پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ، پىراكتىكا قىلسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئاپتونوم رايون ۋە جايلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ، شۇ جاينىڭ پراكتىكا سىياسىتى ۋە ئىش ئورنى ئەھۋالىدىن مەسلىھەت سوراپ، پراكتىكا قىلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

تەرجىمان: گۈلباھار ئابلىز