خۇاڭ شياۋ: مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ مائارىپقا ياردەم بېرىپ قىزغىنلىقىنى شىنجاڭغا بېغىشلاش نىلقىنىڭ «بالىلار شاھى»غا ئايلىنىش
【发布时间】2020-08-17  作者:xirenay  来源:天山网

بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭ نىلقا ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3 - يىللىق 7 - سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار خۇشال بولدى، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرسقا ئۆتۈش نىسبىتى %100كە يەتتى. ئۇلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى _____ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجوۋ شەھىرى شىنچياۋ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن كەلگەن خۇاڭ شياۋ مۇئەللىممۇ بالىلار بىلەن ئوخشاش خۇشال بولدى، بالىلارنىڭ ئەلا نەتىجىلىرىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، پۇتبول ھەرىكىتىگە ئىنتايىن قىزىقىدىغان خۇاڭ شياۋ يەنە بالىلارنىڭ ئۇنىڭغا تەييارلىغان ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى _____ پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىمزا قويغان پۇتبولنى تاپشۇرۇۋالدى.

خۇاڭ شياۋ تاپشۇرۇۋالغان ئالاھىدە سوۋغات __ پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىمزا قويغان پۇتبول.

بۇ يىل 4-ئايدا، خۇاڭ شياۋ جياڭسۇ چاڭجوۋدىن شىنجاڭ نىلقا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كېلىپ، تولۇق 3-يىللىق 7-سىنىپ ۋە تولۇق 3-يىللىق 12-سىنىپنىڭ ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى.

تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بېسىم ۋە خىرىستىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەسئۇلىيەت ۋە چىڭ تۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. خۇاڭ شياۋ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، تولۇق 3-يىللىقنىڭ تەقلىدىي ئىمتىھانىغا ئۈلگۈرگەنىدى. نەتىجە چىققاندىن كېيىن، خۇاڭ شياۋ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرىغا قاراپ، زىممىسىدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شۇ چاغدا شىنجاڭغا يېڭىلا كەلگەن، تېخى ئايرىش مەزگىلىدە بولغاچقا، ئۇ ئامالنىڭ بارىچە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، كۈندۈزى توردا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كەچتە دەرس تەييارلاپ، دەرس ماتېرىيالى ئىشلىدى. تولۇق 3-يىللىقنىڭ مەشىق تاپشۇرۇقى كۆپ، ئىمتىھانى كۆپ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشىق تاپشۇرۇقىنى ئايرىش نۇقتىسىغىچە ئاپىرىپ بېرىشكە بولمىغاچقا، ئۇ پەقەت مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ياردەملىشىپ تاپشۇرۇقنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكۈزۈپ، سۈرەتلەرنى باھالاپ ئىزاھلاپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا قايتما ئىنكاس قىلدى. خۇاڭ شياۋ ئىلگىرى كومپيۇتېردا بىرىنچى قېتىملىق تەقلىدىي ئىمتىھاننىڭ ماقالىسىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، توپتوغرا تۆت ۋەرەق قەغەزگە قولى بىلەن ئىزاھات يېزىپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابىنى تەھلىل قىلىپ باھالىدى.

خۇاڭ شياۋ بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە.

ئايرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خۇاڭ شياۋ ھەر بىر سائەتلىك دەرسنى تەييارلاشتا چىڭ تۇردى، ھەر بىر ئىمتىھان قەغىزىنى ياخشى ئىشلەپ، دەرس ئۆتكەن ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ، سىنىپتىكى ھەر بىر بالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ ئىمتىھان پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئىمتىھان سوئاللىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا يېقىنلىشىپ، بالىلارنى كۆپرەك تەپەككۇر قىلىشقا، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئوقۇتۇشقا كىرىشكەندە، ئەتراپىدىكى مەكتەپ رەھبەرلىرى، خىزمەتداشلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئۇنىڭغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلدى، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۆيدىكى مېۋە-چېۋىلەرنى، ئائىلىسىدىكىلەر ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن موما، پېچىنە-پىرەنىكلەرنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا ئاپىرىپ بەردى.

خۇاڭ شياۋ بىلەن بالىلارنىڭ خاتىرە سۈرىتى.

نىلقا ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇاڭ شياۋ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىللە، يەنە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 24 ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەش، باھالاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرگە ئايرىشتا، ئۇنىڭ تەرتىپى ئېنىق، ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇۋاپىق ئىدى. ئۇ يەنە ئۆگىنىش ئىش تەقسىماتى جەدۋىلى ۋە تەشۋىقات، خەۋەر قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشكە قاتنىشىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بەردى. خۇاڭ شياۋ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىزغىنلىقى، ئاقكۆڭۈللۈكى ۋە دوستانىلىقىنىڭ ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ كەلگۈسى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشكە ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

相关阅读