600گە يېقىن خېيلۇڭجياڭلىق ساياھەتچى مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت قىلدى
【发布时间】2020-09-30  作者:xirenay  来源:天山网

«شىنجاڭ ئالتايغا كېلىپ، بەك خۇشال بولدۇم، نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتىپ، ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىمدە تارقاتتىم» دېدى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇاڭ جىنشەن 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى قېيىن باغچىسىنى ساياھەت قىلىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى قېيىن باغچىسىدىكى ئالتۇندەك سارغايغان يوپۇرماقلار.(ساڭخار بولات فوتوسى)

  جۇاڭ جىنشەن «لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچى. بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدىن يولغا چىققان، جەمئىي 580 ساياھەتچى بار. «بۇ، بۇ يىلقى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزى» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى زۇ شياڭدۇڭ تونۇشتۇرۇپ. ئالتاينىڭ «شىنجاڭغا باشلاپ كىرىش» ئېتىبار سىياسىتى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بۇ قېتىمقى ساياھەت مەخسۇس پويىزى 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئۆمەك تەشكىللەشنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىدى.

  مەخسۇس پويىز 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيتۇن شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. ساياھەتچىلەر ئۈچ كۈندە بۇرچىن ناھىيەسى، قاناس مەنزىرە رايونى، ئالتاي شەھىرىدە ساياھەت قىلدى. «لۇڭتەي» ناملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىكى ساياھەتچىلەر 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە باردى؛ 9-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇرپاننى ساياھەت قىلدى. زۇ شياڭدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر يەنە تەشۋىقات، خېرىدار يىغىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، يىل ئاخىرىغىچە ئالتايغا ساياھەت مەخسۇس پويىزى ۋە ھۆددە ئايروپىلانى ئەۋەتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

  2017-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەخسۇس پويىز قاتنىغاندىن بۇيان، تۆمۈريول تارماقلىرى «لۇڭتەي» ناملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 22نى يولغا قويۇپ، خېيلۇڭجياڭلىق 15 مىڭ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا ساياھەتكە ئەكەلدى.

                  《学习强国》 شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

相关阅读