ئاپتونوم رايونىمىز «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدى
【发布时间】2020-10-08  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونىمىز «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئوقۇ- ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدى.

 قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزا دۆڭئېرىق كەنتى يەسلىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاينام ـ تاشقىنلىققا چۈمدى. بالىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاتا ـ ئانىلارغا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بىرىپ، دۆلەت بايرىمى بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزا دۆڭئېرىق كەنتىنىڭ يەسلىسىدە ھازىر 218 بالا بولۇپ، ئالتە سىنىپقا بۆلۈنگەن، ھەر بىر سىنىپقا تېلېۋىزور، ئېلېكتىرونلۇق رويال قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەنگەنىدى. دۆڭئېرىق كەنت يەسلىسىنىڭ چوڭ سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە ئەخمەت مۇنداق دېدى: يەسلىمىزدە ھەممە نەرسە بار، ئوقۇتقۇچى بىزگە ناخشا ئېيتىش، كىتاب ئوقۇش، خەت يېزىشنى ئۆگىتىدۇ، مەن يەسلىدە ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.

 پاتىمە ئەخمەتنىڭ خۇشال- خۇرام ئۆگىنىشى، ياشىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا يەسلى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يەسلى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدىن 5 مىڭ 385 نى يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر كىرگۈزۈش» نى ئىشقا ئاشۇردى، 2017- يىلى يېڭىدىن 4 مىڭ 408 يەسلى قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ، يېزا يەسلى قۇرۇلۇشىدا «قۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ 2- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شياۋ جىگاڭ مۇنداق دېدى: 2017- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يەسلى مائارىپى ئومۇمىي سېلىنمىسى 12 مىليارد 855 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مالىيە سېلىنمىسىنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمى داۋاملىق زورايدى. 2019- يىلىغا قەدەر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلىلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەردە بالىلارنىڭ ئىگىلەش نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %97.51، %89.34، %86.33 كە يىتىپ، مەملىكەت بويىچە 2020- يىلىغىچە بولغان نىشاننى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

 ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «13- بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 90 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىپ، 440 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنى تەربىيەلەپ، جەمئىي 24 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 8 مىليون 340 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە مەكتەپ بىناسى سالدى ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئوقۇغۇچى سانى 66 دىن ئېشىپ كەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىنىپلارنى تۈگىتىش، D دەرىجىلىك خەتەرلىك سىنىپلارنى تۈگىتىش قاتارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ 20 تۈرلۈك ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى تۆۋەن چېكى تەلىپىگە يەتكۈزۈلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە بالىلارنىڭ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش ساپ نىسبىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %99.97 ۋە %99.78 كە يەتتى.

 ئاپتونوم رايونىمىز بالىلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئوقۇ- ئوقۇتۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. سانجى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە، مەكتەپ بويىچە ھەر قايسى يىللىقلار «ئاقىل دەرسخانىسى» نى تەسىس قىلدى ھەمدە نانومېتىر تېخنىكىسى ئىشلىتىشكە بولىدىغان دوسكا ئىشلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پۈتۈن مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ھەمتۈرتكىلىك ئوقۇتۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى. سانجى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تاڭ كەيچى مۇنداق دېدى: نانومېتىر دوسكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىستېرېئولۇق بوشلۇقتىن بۇ ئىستېرېئولۇق بوشلۇقنىڭ تۈزۈلۈشىنى تېخىمۇ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تورلىشىش نىسبىتى %100 كە يەتتى. «ھەممە سىنىپ تورلاشقان» كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن سىنىپتىن 62 مىڭ 51 ى قۇرۇلۇپ، سەپلىنىش نىسبىتى %69.8 كە يەتتى. ھەر خىل تىپتىكى ئۈنگە ئېلىپ ئاڭلىتىش سىنىپىدىن 2 مىڭ 696 سى قۇرۇلۇپ، سەپلىنىش نىسبىتى %53.5 كە يېتىپ، «كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ مەكتەپلەرنى قاپلىشى» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاساسىي مائارىپ 1- باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياۋ يۇڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي مائارىپ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆسكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى، لاياقەتلىك، مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتى قاتارلىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، شەھەر ـ يېزا، رايون، مەكتەپلەر ئارا پەرق يەنىمۇ كىچىكلىگەن. بىز تۈرلۈك مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرىمىز. 

相关阅读