يەنجى ناھىيەسى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش كۇرسى ئاچتى
【发布时间】2020-10-30  作者:xirenay  来源:天山网

 تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار شاۋ فەنچى، مېڭ كېزۇلۇ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى ناھىيەسىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىدا دەرس باشلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 60 ئوقۇغۇچى كۇرسقا قاتناشتى.

  لېكتور مىساللارنى تەھلىل قىلىش، گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى، ھەمتۈرتكە بولۇش ئويۇنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنى تاللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۇلارنىڭ توغرا ئىگىلىك تىكلەش قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇشىغا ياردەم بەردى.

  يەنجى ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ لىجۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىگىلىك تىكلەش ماھارىتىنى ئىگىلىتىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان سەھنە تېپىپ بېرىمىز».

  كۇرسانت ۋېي يى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يىل 6 ـ ئايدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىدىم، مەن بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆگەنگەن ماھارىتىمنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمگە تەتبىقلايمەن».

 

相关阅读