شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە چەۋەندازلىق دەرسى باشلاندى
【发布时间】2020-11-06  作者:zulhumar  来源:天山网

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى ۋىلايەت، شەھەر ئىككى دەرىجە بويىچە چەۋەندازلىق ھەرىكىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستىراھەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزدى، ئالتاي شەھىرى 2019-يىلى «10 مىڭ ئۆسمۈر ئاتقا مىنىش» ئالاھىدە تەنتەربىيە دەرسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلاپ، مەملىكەت بويىچە چەۋەندازلىقنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىگە كىرگۈزگەن شەھەرگە ئايلاندى. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ مەۋسۇمدىكى تۇنجى چەۋەندازلىق بويىچە تەربىيەلەش دەرسىنى كۈتۈۋالدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئالتاي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن 44 نەپەر ئوقۇغۇچى چەۋەندازلىق بويىچە تەربىيەلەش دەرسخانىسىغا كىردى. چەۋەندازلىق دەرسى دەرسخانىدا ئات مىنىش نەزەرىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە دالىدا ئات مىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا ئاتنىڭ تۈرى، ئات مىنىش ئاساسىي بىلىملىرى، ئات مىنگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، دالا دەرسىگە قاتناشسا بولىدىكەن، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىش ماھارىتىنى ئۆگىنىدىكەن.

 

 

 

相关阅读