بىنانىڭ ئالدىدا توپ تېپىپ، بىنا كەينىدە ئات مىنىپ، بىنا ئىچىدە سەنئەت ئۆگىنىش قابا ناھىيەسىدىكى بۇ چارۋىچىلىق ياتاقلىق مەكتىپىدە خىلمۇخىل خاس دەرسلىكلەر بار
【发布时间】2020-12-16  作者:zulhumar  来源:天山网

 ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خې داۋېي خەۋىرى، فوتوسى): ئوقۇغۇچى داۋلىن مۇھەممەتتولانىڭ بارمىقى ئۇچىدا موفاڭ ئۇچقاندەك ئايلاندى، رەڭلەر ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن، موفاڭنى قويدى، ۋاقىت ھېسابلىغۇچمۇ 26 سېكۇنتتا توختىدى! بۇ موفاڭ كەسپىي مۇسابىقە نەق مەيدانى بولماستىن، بەلكى قابا ناھىيەسىدىكى بىر چارۋىچىلىق ياتاقلىق مەكتىپى، موفاڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن، مەكتەپتە يەنە ئات مىنىش، پۇتبول، دومبىرا، رەسىم سىزىش، ئېلېكتىرونلۇق رويال قاتارلىق دەرسلەر تەسىس قىلىندى.

 ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدىكى پۇتبول مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلار توپ تېپىشنى مەشىق قىلماقتا.

  11-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسى سارتام يېزىسى چارۋىچىلىق ياتاقلىق مەكتىپى، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدىكى پۇتبول مەيدانى، بىنانىڭ كەينىدىكى ئات بەيگە مەيدانى، زال ئىچىدىكى مۇزىكا، پەن-تېخنىكا، گۈزەل سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك خاس دەرسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بېيىتقانلىقىنى كۆردى.

  سارتام يېزىلىق چارۋىچىلىق ياتاقلىق مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ گوفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن مەكتەپتە يېقىن ئەتراپتىكى 15 كەنتتىن كەلگەن 511 ئوقۇغۇچى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 296 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بولغاچقا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ، ھەر ھەپتىدە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئۇلارنى ئاپىرىپ-ئەكىلىدۇ، قاتناپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مەكتەپ ئاپتوموبىلى توشۇيدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپ يېزا-كەنت ئۆسمۈرلەر سارىيى ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆت مەخسۇس پائالىيەت ئۆيى، 15 مىڭ 600 كىۋادرات مېتىرلىق تەنتەربىيە مەيدانى، 200 مېتىرلىق پىلاستىك ماتېرىياللىق يۈگۈرۈش يولى، ئىككى ۋاسكېتبول مەيدانى، ئىككى ۋالىبول مەيدانى، كۇتۇپخانا، ئوقۇش ئۆيى، ئۈسكۈنە ئۆيى، تەجرىبىخانا، كومپىيۇتېر ئۆيى، گۈزەل-سەنئەت ئۆيى، مۇزىكا ئۆيى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەرقايسى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، %30 ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىدە ئات بېقىلىدىغان بولۇپ، ھەر سائەتلىك دالا چەۋەندازلىق دەرسىدىكى ئاتلارنى مەكتەپ سائىتىگە 30 يۈەندىن 60 يۈەنگىچە بولغان باھادا تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەردىن ئىجارىگە ئالغان، بۇ ئارقىلىق، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالا ھەرىكىتى پائالىيىتىنىمۇ بېيىتقىلى بولىدىكەن. گاۋ گوفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان 1-ئوقۇش يىلىدا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن چەۋەندازلىق، پەي توپ، تىكتاك توپ، ئۇسسۇل، مۇزىكا، پەن-تېخنىكا قاتارلىق 25 تەنتەربىيە، سەنئەت دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە مەكتەپ دالا چەۋەندازلىق مەيدانىنى قىشتا مۇز تېيىلىش مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بىر تۈرلۈك قىش پەسىللىك تەنھەرىكەت تۈرىنى كۆپەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ياتاقلىق تۇرمۇشىنى سەرخىللاشتۇرىدىكەن.

قابا ناھىيەسى تەشكىللىگەن موفاڭ مۇسابىقىسىدە، چارۋىچىلىق ياتاقلىق مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇدا ئىككى يىل بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

چەۋەندازلىق دەرسى ئۆي ئىچىدە ئات مىنىش نەزەرىيە بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە دالىدا ئات مىنىش قاتارلىق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ساۋاقداشلار دەرسخانىدا ئاتنىڭ تۈرى، ئات مىنىش ئاساسىي بىلىملىرى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، دالا دەرسىدە ئەمەلىي دەرسكە قاتناشسا بولىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار دالا دەرسىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىش ماھارىتىنى ئۆگەندى.

ئوقۇغۇچىلار دالا دەرسىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئات مىنىش ماھارىتىنى ئۆگەندى.

ئوقۇغۇچىلار يايلاقتا ئات چاپتۇرۇپ بەيگىگە چۈشسە، يورۇق گۈزەل سەنئەت ئۆيىدە سىدام سىزما سىزىشنى مەشىق قىلىدۇ.

مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئۆيىدە گېتار، ئېلېكترونلۇق رويال، دومبىرا قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلار بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون ئۆتكۈزگەن يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان تەقلىدىي ئۇچۇش تەربىيەسى مۇسابىقىسىدە بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.