شىنجاڭدا ئىككى مۇستەقىل شۆيۈەن تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىندى
【发布时间】2021-01-14  作者:xirenay  来源:شىنجاڭ گېزىتى

5G بىلەن تولۇق قاپلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول يۈرۈشكە يېتەكلەش، ئاقىل مۈلۈك باشقۇرۇش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى رەقەملەشتۈرۈش −

شىنجاڭنىڭ ئاقىل مەھەللىلىرى قانداق بولىدۇ؟ بۇنى «يېتەكچى قائىدە» سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 5G سىگنالى بىلەن تولۇق قاپلاش، ئاممىۋى رايونلارنى سىمسىز WiFi تورى بىلەن تولۇق قاپلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول يۈرۈشكە يېتەكلەش، ئاقىل مۈلۈك باشقۇرۇش، ئاقىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى رەقەملەشتۈرۈش... يېقىن كەلگۈسىدە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىز تۇرۇۋاتقان ئولتۇراق رايوندا بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشىدۇ.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچى قائىدىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يېتەكچى قائىدە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كوچا، مەھەللە(ئولتۇراق رايون)نى ۋاسىتە قىلغان ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشى بۆلىكى بەرپا قىلىپ، 5G ئالاقە تورى+ مەھەللە(ئولتۇراق رايون)نى يۇغۇرۇپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى.

«يېتەكچى قائىدە»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى، قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، ئۇچۇرلاشقان ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان توپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئاقىل ئائىلە سايمانلىرى سىستېمىسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) قۇرۇپ چىقىدۇ. «يېتەكچى قائىدە» ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون)نى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەتبىقلىنىدۇ.

ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) قۇرۇلۇشى ئۇل ئەسلىھە تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. «يېتەكچى قائىدە»گە ئاساسەن، ئولتۇراق رايون خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى كۆچمە خەۋەرلىشىش ئاساسىي پونكىتى، خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئۆيى، ئۆي ئىچى سىمسىز تەقسىملەش سىستېمىسى، خەۋەرلىشىش تۇرۇبا لىنىيەسى، ئوپتىك تالانى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ئولتۇراق رايون ئوپتىك تالا تورى ئولتۇراق رايوندىكى بارلىق ئاھالىلەر بىناسىنى قاپلاپ، يېزىق، سۈرەت، ئاۋاز، سىن قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تېز سۈرئەتلىك تورغا چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى؛ ئولتۇراق رايوندا جەزمەن كۆچمە خەۋەرلىشىش تورى بەرپا قىلىنىشى؛ 5G سىگنالى ئولتۇراق رايوننى تولۇق قاپلىشى؛ ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىۋى رايونلىرىنى سىمسىز WiFi تورى بىلەن تولۇق قاپلاش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى بەرپا قىلىشمۇ ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى. «يېتەكچى قائىدە»گە ئاساسەن، ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، مۈلۈك باشقۇرۇش، ئاممىۋى ئىشلار، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى توپلاشتۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول يۈرۈشكە يېتەكلەش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، توردا ئائىلە باشقۇرۇش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

«يېتەكچى قائىدە»دە يەنە ئاقىل ئائىلە سايمانلىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقىل ئائىلە سايمانلىرى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى لايىھەلەشتە، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىدار، تۈر ئايرىمىسى، رايون ئەھۋالى، ئۆيدە تۇرۇش ئېھتىياجى، تىجارەت ھەم مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئەندىزىسى، مەبلەغ سېلىش كۆلىمى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش؛ ئاقىل ئائىلە سايمانلىرى سىستېمىسى ئىقتىدارىدا ئوخشاش بولمىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تۈر ئايرىمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىستېما ئىقتىدارىنى تاللاپ سەپلەش كېرەك.

ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «يېتەكچى قائىدە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى ئولتۇراق رايونلارنى ئاقىل مۈلۈك باشقۇرۇش، ئاقىل مائارىپ، ئاقىل سودا، ئاقىل داۋالىنىش، ئاقىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئاقىل ئاپتوموبىل باشقۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەت مەزمۇنى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ قولايلىق، ئاقىل تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: «يېتەكچى قائىدە»نى كېڭەيتىپ يولغا قويۇش ئاھالىلەرگە ئاقىل تۇرمۇشنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئاقىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەھەللە(ئولتۇراق رايون) مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىگە بولغان ئاقىل مەھەللە(ئولتۇراق رايون) بەرپا قىلىدۇ.

相关阅读