مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىرىنسىپ جەھەتتە شەخسىي تېلېفونىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرسە بولمايدۇ
【发布时间】2021-02-18  作者:zulhumar  来源:天山网

 مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يان تېلېفونىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىشى، تور ۋە ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يان تېلېفونىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىرىنسىپ جەھەتتە شەخسىي تېلېفونىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرسە بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئېھتىياجى بولسا، ئائىلە باشلىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، يازما ئىلتىماس سۇنۇشى، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، يان تېلېفونىنى مەكتەپ بىرتۇتاش ساقلىشى كېرەك، دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشى چەكلىنىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەكتەپلەر يان تېلېفون باشقۇرۇشنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، كونكرېت چارە تۈزۈپ، بىرتۇتاش ساقلايدىغان سورۇن، ئۇسۇل، مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، زۆرۈر ساقلاش قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىچىدە ئاممىۋى تېلېفون، سىنىپ مەسئۇلى پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ سۆزلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشى كېرەك. يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياكى ئوقۇغۇچىلاردىن يان تېلېفوندىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى يان تېلېفونغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش ھەمدە يان تېلېفوننى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، ئاددىي، قوپال باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ ئالاقىسىنى ياخشى قىلىشى، ئائىلە باشلىقلىرى مائارىپتىكى ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئائىلە مەكتەپ ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەيدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ يان تېلېفون باشقۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك. مائارىپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك تارماقلىرى كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تەلەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە: مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور بېكىتى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

相关阅读