شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار رەڭدار پائالىيەت دەرسى ئېلىپ كەلدى خوتەندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سىلكىمە كاۋاك بامبۇك ئويناشنى ئۆگىنىۋالدى
【发布时间】2021-07-02  作者:xirenay  来源:تىيانشان تورى

 بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار خوتەندىكى ئوقۇغۇچىلارغا مول مەزمۇنلۇق كۇرۇژۇك پائالىيىتى دەرسى ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇر 10-ئايدا، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 19 ئوقۇتقۇچى شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ مائارىپ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بىر مەزگىللىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان چياۋ خۇڭجيې بىلەن ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى شى كەييۈەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەنتەربىيە، سەنئەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق دەرسلەرگە ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئىككى ئوقۇتقۇچىدا پائالىيەت سۇپىسى ھازىرلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىنى بېيىتىش ئويى پەيدا بولدى. ئۇلار شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، خوتەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى جىيۇڭنى ئىزدەپ بارغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغىنى بىر يەردىن چىقتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، خوتەن ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كۇرۇژۇك دەرسى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، بەس-بەستە تىزىملىتىپ قاتناشتى.

  بۇلتۇر 11-ئايدا، مەكتەپتە ئېغىز گارمونى، سىيرلىما قەدەملىك ئۇسسۇل، سىلكىمە كاۋاك بامبۇك ئويناش، تىكتاك توپ، شەكىل چىقىرىپ ۋاسكېتبول ئويناش، ئۇسسۇل، رەسىم سىزىش، ئەقىلنى ئاشۇرۇش رەقەملىك ئويۇنى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت توققۇز ئوقۇغۇچىلار كۇرۇژۇكى بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلدى. ئىككى مەۋسۇمگە يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەرقايسى كۇرۇژۇكلارنىڭ پائالىيىتى بۈگۈنكى كۈندە قىزىپ كەتتى.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى سەييۈ 1-باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، خوتەن ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ يەنە توردا ۋە سىنغا ئېلىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق قەغەز قىيما كۇرۇژۇكىنى كۆپەيتتى.

  «دەسلەپتە بىزمۇ ئەندىشە قىلغانىدۇق، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى بولدى.» چياۋ خۇڭجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر مەكتەپنىڭ كۇرۇژۇك پائالىيىتىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچى 400دىن ئاشتى، بۇ سان يەنە ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە، خوتەن ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇزىكا ياڭرىسىلا، بالىلار شوخ رىتىمدا سىيرىلىما قەدەملىك ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ؛ سىلكىمە كاۋاك بامبۇك كۇرۇژۇكىدىكى بالىلار ئۇستىلىق بىلەن قولىدىكى ئىنچىكە يىپلارنى سىلكىيدۇ، سىلكىمە كاۋاك بامبۇكلار بوشلۇقتا موللاق ئاتىدۇ...

  مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ خې مۇنداق دېدى: بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار كۇرۇژۇك قۇرۇش ئارقىلىق بالىلارغا تېخىمۇ كەڭ بولغان بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىش سۇپىسى يارىتىپ بەردى، شۇنداقلا مەكتەپ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

   «مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مائارىپ-ئوقۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپلا قالماي، بالىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك» دېدى لى جىيۇڭ. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار ئارقا سەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، كۇرۇژۇكلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

(مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى)

«学习强国»شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى


相关阅读