شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلىنىدۇ
【发布时间】2021-07-12  作者:zulhumar  来源:天山网

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلىنىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  قوبۇل قىلىش تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى (ئەسلىدىكى نامراتلار مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈر پىلان تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمى، دۆلەت ۋە يەرلىك مەخسۇس تۈرى (ئەسلىدىكى نامراتلار مەخسۇس تۈرى)، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمى، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدىن ئىبارەت سەككىز تۈركۈم بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە جەمئىي بەش قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكومغا ئۆرلەش» تۈركۈمى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمى بويىچە قوبۇل قىلىش بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە داۋاملىق باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك تورداقوبۇل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باشقاقوبۇل قىلىش شەكلىمەۋجۇت ئەمەس. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئۇچۇرىنى ياخشى ساقلاپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

相关阅读