كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىل  رەڭگارەڭ تۇرمۇش
【发布时间】2021-08-30  作者:zulhumar  来源:天山网

  8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدا پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلماقتا. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ۋۇشىڭ يولى غەربىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىكتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا سارىيىغا ئېلىپ كېلىپ، «كۆڭۈللۈك يازلىق تەتىل  مەن ئىلىم ـ پەننى سۆيىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى

  7-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى 100گە يېقىن داشۆ ئوقۇغۇچىسى يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ماخۇ نېفىتلىكى جىنلۇڭ 2-قۇدۇق رايونى بۇرغىلاپ چارلاش قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپىدە پىراكتىكا قىلىپ، نېفىت روھىنى ھېس قىلدى. جوۋ جيەنلىڭ فوتوسى

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ لازا يىغماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۇچا شەھىرىنىڭ دۆڭقوتان بازىرى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات يىغىشىغا ياردەم بەردى. نىياز راخمان فوتوسى

   8-ئاينىڭ 6-كۈنى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋە يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بىللە توغاچ شاپتۇل ئۈزمەكتە. ساۋەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ سەندوخوزا بازىرى ئورمانچىلىق مەيدانى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ مېۋە ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىش جەمئىيەت ئەمەلىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ۋاڭ فاڭجى فوتوسى

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يۈەنخۇسۇن بازىرى خېجۇاڭ كەنتىدە، كىچىك دوستلار مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش باغچىسىدا كۆكتات ئۈزمەكتە. يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، نۇرغۇن ئاتا -ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ باغچىغا كېلىپ، سەھرا مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، مېۋە-كۆكتات ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. ما گۇاڭيۈەن فوتوسى

   7-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار گۈل تىزىش ماھارىتىنى ئۆگەنمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ياشلار يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى «گۈل تىزىپ خۇش پۇراقتىن ھۇزۇر ئېلىش» ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ تەۋەلىكتىكى ئوقۇغۇچىلارنى گۈل تىزىش سەنئىتىنى ھېس قىلىشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى. تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

  7-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بالىلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە. چەرچەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ تاتىراڭ بازىرى سېرىق بۇيان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىللە يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنى قىزىل گالىستۇك كىچىك دەرسخانىسى ئېچىشقا تەشكىللەپ، ئۇسسۇل، مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، بالىلارنىڭ تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتتى. رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

  يازلىق تەتىل كۆڭۈللۈك ھەم مەنىلىك ئۆتتى. ئوقوغۇچىلار مەكتەپتىن چىقىپ، رەڭگارەڭ دۇنياغا كىرىپ، كۆزى بىلەن كۆزىتىپ، قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ، «ئون مىڭ توملۇق كىتاب ئوقۇش»قا ئوخشاش ئېسىل ھەم مەنىلىك بولغان «ئون مىڭ چاقىرىملىق يول يۈرۈش»تىن ھۇزۇرلاندى.

  يېزا-قىشلاقلاردا مول ھوسۇل شاتلىقىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، تاغ-دەريا، ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ گۈزەللىكىگە تۇپراقنىڭ خۇش ھىدى سىڭگەن بولىدۇ؛ يېشىل يوپۇرماق ۋە گۈللەر ئارىسىدا، جۈپ قولغا تايىنىپ گۈزەللىكنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، گۈزەل ئۇرۇقلار قەلبكە چېچىلىدۇ؛ پەن-تېخنىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىپ، پەن-تېخنىكىنى كىشىلىك ھاياتنىڭ قانىتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئازادە ھەم ئەھمىيەتلىك يازلىق تەتىل ھەقىقىي «قوش كېمەيتىش» سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، يۈك يېنىكلەيدۇ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  يازلىق تەتىل بىر قېتىملىق توك قاچىلاش بولۇپ، «ئون مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈش» مۇساپىسى يازلىق تەتىلدىن باشلىنىشى مۇمكىن. ئوقوغۇچىلار دېھقانلارنىڭ ھوسۇل يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەجىر - مېھنىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مەكتەپتىن چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى؛ ئىش ئورنىدا پىراكتىكا قىلىپ، كەسپىي رولغا مۇددەتتىن بۇرۇن كىرىپ، شەرەپ ۋە ئارزۇغا سىڭىپ، كەلگۈسىدىكى كىشىلىك ھايات يولىغا چىراغ ياقتى. يازلىق تەتىللىك دەم ئېلىش ھەرگىزمۇ دەم ئېلىش، تەرتىپكە سېلىش ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىش ئەندىزىسىنىڭ ئالمىشىشى، كىشىلىك ھاياتتىكى توك قاچىلاش بولۇپ، بىپايان كەڭ ئالەم بوشلۇقىغا بېرىپ، كىتابتىن سىرتقى دۇنيانى قۇچاقلاپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، جەمئىيەتتىكى كىىشلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، خۇشال-خۇرام ھالدا رەڭدار تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار دەۋرى ئۈچۈن يېڭى بىر ئىشىك ئېچىپ بەردى.

  يازلىق تەتىل مەنىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك، نەتىجىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى.