كېيىن پىشار تاۋۇزلار دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان ‹بېيىش تاۋۇزى›غا ئايلاندى
【发布时间】2019-09-30  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  نۆۋەتتە، بازاردا تاۋۇز ئازىيىپ، تاۋۇز باھاسى ئۆرلىدى. ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزا ئاسۇق لەڭگەر كەنتىدىكىلەر 150 مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى كېيىن پىشار تاۋۇزدىن مول ھوسۇل ئالدى. بۇمۇ ھەم شىنجاڭ «قۇمتام» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزا ئاسۇق لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ بۇ كەنتكە چۈشكەندىن بۇيانقى، كەنت ئاھالىلىرىنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدا مېڭىشقا پائال يېتەكلىگەنلىكى؛ ئۆز جايىنىڭ تۇپراق، كىلىمات ۋە سۇ مەنبەسى شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كېيىن پىشار تاۋۇز تېرىقىچىلىقىغا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، تۈجۈپىلەپ تېرىقچىلىق قىلغانلىقى ۋە ئىلمىي پەرۋىش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  كەنت ئاھالىسى ئابلىز مەمەتنىڭ تاۋۇزلۇقىدا، ئۇ تېرىغان يەتتە مو يەردىكى كېيىن پىشار تاۋۇزلار خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئىككى كۈندىلا پاك- پاكىز يىغىۋېلىندى. ئابلىز مەمەت : بىر مو يەردىن ئىككى توننىدىن تاۋۇز چىقتى. ھەر كىلوگىرامىنى بىر يۈەندىن ھېسابلىغاندا، يەتتە مو يەردىكى كېيىن پىشار تاۋۇزۇمنى 14 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، پارتىيەگە، شۇنداقلا خىزمەت ئەترىتىنىڭ مېنى بېيىشقا يېتەكلىگەنلىگە رەھمەت، دېدى.

  كەنت ئاھالىسى ئەكبەر تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 10 مو ياڭاقلىقىغا كېيىن پىشار تاۋۇزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىغانىدى. خىزمەت ئەترىتى ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا تاۋۇزلىرىنى سېتىش يوللىرىنى ئوقۇشۇپ بەردى. ئۇ بۇ ھەقتە: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 10 مو يەرگە تاۋۇز تېرىدىم، ھەر مو يەردىن ئىككى توننا تاۋۇز چىقتى، باھاسىمۇ چۈشۈپ كەتمىدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەردىن بەك مىننەتدار بولدۇم، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزا ئاسۇق لەڭگەر كەنتىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2 مىڭ 400 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 12 مو بولۇپ، ئاساسلىقى باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدىكەن. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتكە ماكانلاشقاندىن كېيىن، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىگە «سەنباۋ 1- نومۇر» لۇق كېيىن پىشار تاۋۇزنىڭ يېڭى سورتىنى كېڭەيتىشنى تەۋسىيە قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا بۇ خىل سورتنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەن. بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرى بۇغدايلىرنى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال 150 مودىن ئارتۇق يەرگە كېيىن پىشار تاۋۇز تېرىپ، مو بېشى مەھسۇلاتىنى 2 مىڭ كىلوگىرامغا يەتكۈزگەن. نۆۋەتتە، 300 توننىدىن ئارتۇق تاۋۇز يىغىۋېلىپ، ھەر مو يەردىن مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىش مۆلچەرلەنگەن.

  شىنجاڭ «قۇمتام» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزا ئاسۇق لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگۈزگەن كېيىن پىشار تاۋۇزنىڭ يېڭى سورتى دېھقانلارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى. خىزمەت ئەترىتىمىز كېيىنكى قەدەمدە ۋاقتى قىسقا، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بالدۇرراق بېيىتىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق».