كونا كەنتتە ياڭرىغان بەخت ناخشىسى
【发布时间】2019-10-03  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز مۇخبىرى لو يۈەنمىڭنىڭ «كونا كەنتتە ياڭرىغان بەخت ناخشىسى» ماۋزۇلۇق ئوچېرىكى

 مۇشۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس يېزا قاناس كەنتىدە ساياھەتچىلەر دۆلەت بايرىقىنى قوللىرىدا لەپىلدىتىپ، تۇۋا مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مەن ۋە ۋەتىنىم» ناملىق ناخشىنى ئېيتتى. گۇاڭجۇلۇق ساياھەتچى گاۋ جېڭبو مۇنداق دېدى: بۇ تۇۋالارنىڭ مۇزىكىسى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىم، ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىكەن، كېيىن پۇرسەت بولسا بۇ يەرگە يەنە كېلىمەن.  

 كۆپچىلىككە مۇزىكا ئورۇنداپ بېرىۋاتقان بۇ ئەترەت-- قاناس كەنتىدىكى «ناچى» ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فېڭۋۇ تەشكىللىگەن «قۇرۇت» مۇزىكا ئەترىتى بولۇپ، بۇ مۇزىكا ئەترىتى خەنزۇ، موڭغۇل، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان يەتتە مۇزىكانتتىن تەركىب تاپقان. ۋاڭ فېڭۋۇ مۇنداق دېدى: مۇزىكا ئەترىتىمىز ئەسلى ئۇسلۇپتىكى مۇزىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىلگىرى خۇمەي ۋە بىر قىسىم ئەسلى ئۇسلۇپتىكى ناخشىلىرىمىز بىلەن، ھەر كۈنى نەچچە ئون ئادەم كۈتىۋالاتتۇق. ھازىر ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كۈنىگە 800 دىن مىڭغىچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز. 

 ئىلگىرى قاناس كەنتى ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، ناھىيە بازىرىغا بىر قەدەر يىراق بولغاچقا، قاتناش قولايسىز بولۇپلا قالماي، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 1 مىڭ 500 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇرچىن ناھىيەسى قاناس مەنزىرە رايونى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. قاناس مەنزىرە رايونىغا دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، دەپ نام بېرىلگەندىن كېيىن، كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىلەر شىددەت بىلەن ئاشتى. ۋاڭ فېڭۋۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت بويىچە تۇنجى ئائىلە زىيارەت نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە شۇ جاينىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى تونۇشتۇردى. ۋاڭ فېڭۋۇ مۇنداق دېدى: ئائىلە زىيارەت نۇقتىمىزغا يېڭى ئامىللارنى سىڭدۈرۈپ، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى كۆپەيتمەكچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساياھەتچىلەرگە تۇۋالارنىڭ ئۆرپ- ئادىتىنى تونۇشتۇرىمىز، ھەمتۈرتكىلىك ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلايمىز. ساياھەتچىلەر ئائىلە زىيارەت نۇقتىمىزدا 40 مىنۇتتىن 50 مىنۇتقىچە كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرىمىزدىن ھوزۇرلىنالايدۇ. 

 2012- يىلىدىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «مىڭ چاقىرىملىق ساياھەت رەسىم كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، قاناسنى باشلامچى قىلىپ، ناھىيە بويىچە داڭلىق ساياھەت شەھەرچىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. قاناس كەنتىدىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىمۇ ۋاڭ فېڭۋۇغا ئوخشاش ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى. ھازىر كەنت ئاھالىسى ئېركېباتۇنىڭ سەھرا قونالغۇسى دەسلەپكى بىر ئېغىز ياتاقتىن ھازىرقى 15 ئېغىز ياتاققا كېڭەيدى. ئېركېباتۇ مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، مەنزىرە رايونىمۇ بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتىدۇ. مەن بىرىنچى يىلىلا تەخمىنەن 200 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، ھازىر سەھرا قونالغۇمىز بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ھەر يىلى 70 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىۋاتىمىز، ساياھەتچىلىكدىن قىلىۋاتقان كىرىمىمىزمۇ يىلدىن- يىلغا ئېشىۋاتىدۇ.     

 نۆۋەتتە، قاناس كەنتىدە جەمئىي 118 سەھرا قونالغۇسى، يەتتە ئائىلە زىيارەت نۇقتىسى بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم 19 مىڭ يۈەنگە يەتتى. قاناس كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايدىنبېك خەمىت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ يىل بىز كەنتتىكى بارلىق سەھرا قونالغۇلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق. قىشتا يەنە يەرلىك چارۋىچىلارنى ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلغان رايونلارغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. 

 دۆلەت بايرىمى كۈنى، ۋاڭ فېڭۋۇ ئالايىتەن «قۇرۇت» مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنى ساياھەتچىلەرگە «ۋەتەنگە بەخت تىلەش، بەختلىك تۇرمۇشنى كۈيلەش» باش تېمىسىدىكى نومۇرلارنى ئورۇنداشقا تەشكىللىدى. ئائىلە زىيارەت نۇقتىسىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر مۇزىكا ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە چاۋاك چېلىپ: «ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز! جۇڭگو، بىز سىنى سۆيىمىز!» دەپ خور ئېيتىشتى. 

 تەرجىمان: مەدىنە