ئۆزگىچە كەسىپلەر بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇش
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئەپچىل چارە كۆرسىتىپ قارا ئۆرۈك، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى، دورا ئۆسۈملىكى سەيخۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتتى.

▲ 9- ئايدا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۈچئۆستەڭ يېزا دەرۋازا يار كەنتىدىكى، تۇتاش كەتكەن قارا ئۆرۈك بېغى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. سۆسۈن، پارقىراق قارا ئۆرۈكلەر ئادەمنىڭ ئېغىزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. كەنت ئاھالىلىرى باغدا مېۋە ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن ئىدى. دەرۋازا يار كەنتى مېۋە ئۆستۈرۈش چوڭ كەنتى بولۇپ، مېۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ھېسابلانسىمۇ، ئەمما مېۋە تۈرلىرىنىڭ بىرلا خىل، سېتىش يوللىرى تار بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئىزچىل ئاشماي كەلدى. كۇچا ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن كېيىن، بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قارا ئۆرۈك بازىرى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكى، كەنت كىلىماتىنىڭمۇ قارا ئۆرۈك ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى 15 ئائىلىنى يېتەكلەپ، قارا ئۆرۈك ئۆستۈرۈپ، خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى تېخنىكلارنى قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھاشاراتتىن مۇداپىئەلىنىش، چاتاش قاتارلىق باشقۇرۇش تېخنىكىلىرىنى قولمۇ- قول ئۆگىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارا ئۆرۈك ئۆستۈرۈش سەۋىيەسى ۋە مېۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ يىل قارا ئۆرۈكتىن مول ھوسۇل ئېلىندى.

▲ ھازىر دەل قارا ئۆرۈك ئۈزۈش ۋە سېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. خىزمەت ئەترىتى يەنە قارا ئۆرۈكنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۈندىدار، دويىن قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇرۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى ھەمدە مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 3 مىڭ كىلوگرام قارا ئۆرۈك سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. نامرات ئاھالە قەمبەر روزى مىننەتدارلىق بىلەن مۇنداق دېدى: «مېۋىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى سېتىلىپ بولدى، ھەقىقەتەن مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت». ھازىر خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ تىرىشچانلىقىدا، كەنت بويىچە قارا ئۆرۈك تېرىلغۇ كۆلىمى 20 مودىن ئېشىپ، 10 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئايشەم ئەمەر مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېرىقچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىنچىكە باشقۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، دەرۋازا يار كەنتىنىڭ بېيىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز».

▲ خوشۇت ناھىيەسىنىڭ تاغارچى بازىرى خويور مودون كەنتىدىكى دېھقان گو گۈيشياڭ بۇ يىلقى تېرىقچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ خوشال ھالدا: «ئىلگىرى ئۈچ مو يەرگە كۆممىقوناق تېرىپ، ساپ كىرىمىم مىڭ يۈەندىن ئاشاتتى. بۇ يىل تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار گۈلى تېرىپ 9 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، كىرىمنى نەچچە ھەسسە قاتلىدىم» دېدى. خوشۇت ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۈچۈن، مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلىپ، خويور مودون كەنتىنىڭ كىلىماتى، تېمپېراتۇرىسى، قۇياش نۇرىنىڭ تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈلىنى پەرۋىش قىلىش نىسبەتەن ئاددىي، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ئاز بولۇپ، 4- ئايدىن باشلاپ ئۆستۈرۈلسە، 9- ئايدا ھوسۇل ئالغىلى بولاتتى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 400 كىلوگىرامغا يېتەتتى.

▲ خىزمەت ئەترىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن تېرىقچىلىق كارخانىلىرى كەنتتە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى كوپىراتىپى قۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، «كارخانا، كوپىراتىپ ۋە كەنت ئاھالىسى» ئۆزئارا بىرلەشكەن تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى قوللاندى. كوپىراتىپ يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى خام ئەشيا بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى، كەنت ئاھالىلىرى كوپىراتىپ بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، كوپىراتىپ مايسا بىلەن تەمىنلەپ تېخنىكلارنى تېرىقچىلىق بازىسىدا پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، سېتىۋېلىشقا ئۆزلىرى مەسئول بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

▲ بۇ يىل ئەتىيازدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، 12 نامرات ئائىلىنى 600 مىڭ تۈپ تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى مايسىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، ئېتىز پەرۋىشىنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، كەنت ئاھالىلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلىنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ ئوغۇتلىدى. تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى ئېچىلغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن كەنت كادىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن يىغىۋېلىش شۆبە ئەترىتى، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا يىغىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىغا ئاپىرىپ قۇرۇتتى. ئارقىدىن خىزمەت ئەترىتى يەنە كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ نەق مەيداندا تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخار گۈلىنىڭ قەنت تەركىبىنى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتكەنلا بولسا، كارخانا بىۋاستە سېتىۋېلىپ نەق مەيداندا ھېسابات قىلدى.

▲ 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى يۆ فېڭ مۇنداق دېدى: «تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى تەبىئىي سوغۇق ئىسسىقلىق مىقدارىغا ئىگە، تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىخەتەر ئىستىمال قىلىشتەك ئۈچ چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ يىل بىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى ئۆستۈرۈپ مول ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇردۇق. كېيىنكى قەدەمدە كوپىراتىپنى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخار گۈلى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە داۋاملىق يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنى خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيمىز».

▲ يېقىندا، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى قوبۇ كەنتىدىكى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش بازىسىدا ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. چىڭگىل ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى يۈ رېنخەينىڭ سەيخۇ يىغىشىغا ياردەملەشتى. قوبۇ كەنتىنىڭ كىلىماتى نەم، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولۇپ، كۆپ خىل جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈشىگە ماس كېلەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى «پارتىيە ياچېيكىسى، خاس تېرىقچىلىق ۋە كەنت ئاھالىسى» ئۆزئارا بىرلەشكەن ئەندىزىنى قوللىنىپ، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تېرىش بازىسى قۇرۇپ، 30 كەنت ئاھالىسىنى سەيخۇ، كەتىرا قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنت ئاھالىلىرىنى سەيخۇ تېرىلغان يەرگە بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا يېتەكلىدى ھەمدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئاشلىق ۋە دورىلىق ئۆسۈملۈكنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى بويىچە ھەمكارلىشىپ، زاكاز تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

▲ يۈ رېنخەي خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە 190 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، سەيخۇ بىلەن بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. تېرىقچىلىق مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلەرنى رەتلەش، چۆنەك ئېچىپ تېرىش، مايسا تاقلاش، تولۇقلاپ تىكىپ ئوت- چۆپ يوقىتىش، مۇۋاپىق ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ھالقىلاردىن باشلاپ، تېخنىكلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. كىرىشتۈرۈپ تېرىشنىڭ پايدىسى تىلغا ئېلىنسا، يۈ رېنخەي خۇشاللىقىنى باسالمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 190 مو يەرگە سەيخۇ بىلەن بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىدىم. بۇغدايدىن ياخشى كىرىم قىلىپلا قالماي، سەيخۇنىڭ باھاسىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇلارنىڭ ھەممسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدىن بولدى، ئۇلارغا كۆپ رەھمەت».

▲ ھازىر قوبۇ كەنتىدە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىلغۇ كۆلىمى 1 مىڭ 500 مودىن ئاشتى، يىللىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 توننىغا يېتىپ، بۇ تۈردىلا كىشى بېشى كىرىمى 4 مىڭ 500 يۈەندىن ئاشتى. 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ليۇ دېكۇن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرىمىز».