مول ھوسۇلدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش
【发布时间】2019-10-06  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 9- ئاي كىرگەندىن بۇيان، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغ ئەرمۇدۇن كەنتى ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزىدىكى «كۆرۈمسىز» كاۋىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ، سېتىۋېلىشقا مەسئول شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىشىنى كۈتەتتى. كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «كۆرۈمسىز» كاۋا دەپ ئاتالغان كىچىك كاۋىنىڭ ئىلمىي نامى سېرىق كاشتان كاۋىسى بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆرۈمسىز بولسىمۇ، تەمى ناھايىتى تاتلىق. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ تۈر شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىندى، كۆپچىلىك تاشقى قىياپىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا «كۆرۈمسىز» كاۋا دەپ ئەركىلەتمە ئىسىم قويدى.

▲ بۇلتۇر، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خاس تېرىقچىلىق تۈرلىرىنى تاللىغاندا، بۇ سورتنى تاللىدى، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە كەنت ئاھالىلىرىدىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك كەنتتە سىناق تەرىقىسىدە تېرىشنى قارار قىلدى. «كۆرۈمسىز» كاۋىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كەنت يەنە خاس تېرىقچىلىق تۈرى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلىشى، تېرىقچىلىق، ئېتىز پەرۋىشى، تۈرنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىقلاردا ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. خىزمەت ئەترىتى سېتىش يوللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇق سېلىشتىن بۇرۇن ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، دويىن قاتارلىقلادا تەشۋىقات ئېلىپ باردى. يەنە، ئارقا تىرەك بولغۇچى ئورۇن بىلەن كارخانا قۇرغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ سېتىۋېلىش ۋە سېتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى. «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەندەك، ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل كەلمەي تۇرۇپلا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى زاكازلار كەنتكە ئارقا- ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. لىق كاۋا قاچىلانغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئەرمۇدۇن كەنتىدىن قوزغىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن كەنت ئاھالىلىرى ئىختىيارسىز: كۆرۈمسىز كاۋا «ئالتۇن قونچاققا» ئايلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئىشەنچىمىز كامىل» دېيىشتى.

▲ توقسۇن ناھىيەسىنىڭ بوستان بازىرى چاڭئەن كەنت ئاھالىسى رۇفىيە قۇربان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باغدىكى يېڭىدىن تىكىلگەن كۈزلۈك چىلان دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋە بەردى، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، تەمى ياخشى بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى يېڭى چىلانلارنى ئۈزگىلى كەلدى. ھەر كىلوگىرامىنى 13 يۈەندىن ھېسابلىغاندا، مېنىڭ ساپ كىرىمىم تەخمىنەن 21 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ». بوستان بازىرىدىكى دېھقانلار ئىزچىل كېۋەز، ئاق قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلاتتى، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى بىرلا خىل، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن ئىدى. يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر قايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چىلان ئۆستۈرۈشنىڭ بوستان بازىرىغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. كۆپچىلىك كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلتىيى ئېچىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەش، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنى سۈر چىلان، مايا چىلىنى، توخۇ يۈرىكىسىمان چىلان، ئارغىماق چىلان ۋە كۈزلۈك چىلان قاتارلىقلارنى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

▲ چاڭەن كەنتى كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرۈشنى سىناق قىلدى، ھازىر كۈزلۈك چىلانلار پىشىپ شاخلىرىغا پاتماي قالدى. توقسۇن ناھىيەلىك سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سەھىيە نازارەتچىلىكى ئورنىنىڭ چاڭئەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1- شۇجى شۈ ياۋ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرۈش سىناق تەرىقىسىدىكى ئۆستۈرۈش بولۇپ، ئۈنۈمىنىڭ بۇنچە يۇقىرى بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، كېيىنكى قەدەمدە چىلان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى كۆلەملىك ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىمىز».

▲ «خىزمەت ئەترىتى كەنتكە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋاپتۇ، ئاڭلىسام بۇ ماشىنا سىلوس قونىقىنى ئورالايدىكەن، بۇ خىلدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم». كەنتتىكى يۇرتداشلارنى كۆرسىلا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزا ئونئېرىق كەنتىدىكى قۇربان جېلىل ھاياجانلانغان ھالدا كۆپچىلىككە كەنتكە يېڭىدىن ئېلىپ كېلىنگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى چۈشەندۈرەتتى. ئەسلىدە ئونئېرىق كەنتىنىڭ سىلوس قونىقى تېرىش كۆلىمىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئونئېرىق كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپىغا سىلوس قونىقى ئورۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىپ، كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بەردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما يۈ مۇنداق دېدى: «سىلوس قونىقى ئورۇش ماشىنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شاخ- شۇمبىلارنى يىغىۋېلىپ يەم- خەشەك تەييارلاپ، ئەمگەك كۈچىنى ئازاد قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى ھەم زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ياخشى مۇھىتى قوغدالدى. شاخ- شۇمبىلارنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، مۇھىتنى قوغداش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىلدى».