سۈپۈرگىچىلىك كەسپىنى گۈللەندۈرۈش
【发布时间】2019-10-07  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزا ئورمان كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ھىمىت تۇردى ھازىرقى كىرىمى ئۈستىدە توختىلىپ خۇشال ھالدا: «كوپىراتىپتا ئىشلەپ، كۈنىگە 40 نەچچە سۈپۈرگە بوغۇۋاتىمەن، كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 50 نەچچە سۈپۈرگە بوغۇپ، ئايدا 2 مىڭ 400 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېپىۋاتىمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە رەھمەت» دېدى. ئورمان كەنتى بېھىشباغ يېزىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز ئىدى. كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، %80 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن سۈپۈرگە بوغۇش، سېۋەت توقۇش ھۈنىرىنىڭ بارلىقىنى ئىگىلىدى. كەنتتە گەرچە «كۆركەم» سۈپۈرگە كوپىراتىپى بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى كىچىك، ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ساتقاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۈپۈرگە بوغۇش ھۈنىرىنى جارى قىلدۇرۇلمىغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنتنىڭ ئاق قوناق، چىغ قاتارلىق سۈپۈرگە بوغۇشقا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يۇقىرى، سۈپىتى ئەلا بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى، كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئابدۇللانىڭمۇ كوپىراتىپنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئويى بارلىقىنى بايقىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېتى» بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، «كۆركەم» سۈپۈرگە كوپىراتىپىغا تايىنىپ، «كوپىراتىپ، نامرات ئائىلە ۋە زاكاز» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈشنى قارار قىلدى. تېخىمۇ كۆپ ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، سۈپۈرگە بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى. 

 ▲ «بىز ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئەسلىدىكى يالغۇز كۈرەش قىلىش ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، بىرىكمە كۈچ، كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك». بىر قېتىملىق خىزمەت قەرەللىك يىغىنىدا، 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قەيسەر كىبىر كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا كىرىشكە قانداق يېتەكلەش-- خىزمەت ئەترىتى ھەل قىلىدىغان تۇنجى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرىسى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە سۈپۈرگە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پايدىسى ۋە بازار ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنتتىكى سۈپۈرگە بوغۇش ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنى كوپىراتىپقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. سەپەرۋەرلىك قىلىش نەتىجىسىدە، 23 ئائىلە كوپىراتىپقا ئەزا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 12 ئائىلە نامرات ئائىلە ئىدى.

▲ ئارقىدىن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» سۈپۈرگىدىكى ئۆلچەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۈپۈرگە بوغۇش تېخنىكا سەۋىيەسى بىردەك بولماسلىق، سىرتقى ئۆلچىمى تەكشى بولماسلىق سەۋەبىدىن بوغقان سۈپۈرگىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئۈلگىسى بولماي، سۈپۈرگىلەرنىڭ تۈركۈملەپ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكەنىدى. شۇڭا، خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى تەجرىبىسى مول ئۈچ سۈپۈرگە ماھىرىنى ئوقۇتقۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بەش كۈن مەركەزلىك تەربىيەلىدى. تەربىيەلەشتە ھەر بىر ئىش تەرتىپى تەپسىلىي قېلىپلاشتۇرۇلدى ۋە تەلەپ قويۇلدى. كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەش بىزنىڭ چوڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلدى، ھازىر كوپىراتىپتا بۇغۇلغان سۈپۈرگىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى بىردەك، سىرتقى شەكلى كۆركەم، سۈپىتى ياخشى، مەھسۇلات خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت». 

▲ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، كوپىراتىپ ۋاقتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدە كەنت ئاھالىلىرىنى سۈپۈرگە بوغۇشقا مەركەزلىك تەشكىللىدى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە كوپىراتىپ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ سۈپۈرگە بوغۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بىر تۇتاش سېتىۋالدى ھەمدە ماتېرىياللارنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى. چوڭ سۈپۈرگىنىڭ ھەر بىرىنى 1 يۈەن 5 مو، كىچىك سۈپۈرگىنىڭ ھەر بىرىنى 5 يۈەن ئىش ھەققى بويىچە بىر تۇتاش يىغىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىدى. بۇ يىل 43 ياشقا كىرگەن ئەلى ھەسەن كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. ئىلگىرى ئۇ پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كىرىمى ئاز ھەم مۇقىم ئەمەس ئىدى. خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ 20 نەچچە يېشىدىن باشلاپلا دادىسىدىن سۈپۈرگە بوغۇشنى ئۆگەنگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى كوپىراتىپقا ئەزا بولۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. تەربىيەلەش ئارقىلىق، ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرى بىكار ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سۈپۈرگە بوغۇپ، ئايلىق كىرىمىنى 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇردى. «قەيسەر شۇجىغا كۆپ رەھمەت. ئاتا- بوۋىمىزدىن مىراس قالغان سۈپۈرگە بوغۇش ھۈنىرىنىڭ ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئەڭگۈشتەرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ھازىر ئائىلىمىز ئۇنىڭغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، تېخنىكا بولسىلا پۇل تاپقىلى بولىدىكەن» دېدى ئەلى ھاياجانلانغان ھالدا. 

▲ كوپىراتىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، خىزمەت ئەترىتى سېتىش يوللىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ كوپىراتىپنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كوپىراتىپنىڭ سۈپۈرگىلىرىنى تېخىمۇ چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، بىر تەرەپتىن كەنتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساتتى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى تاللا بازارلىرىغا كېڭەيتىپ، زاكاز بويىچە سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، كەنتنىڭ سۈپۈرگىلىرى تور يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچى، كورلا، شايار، توقسۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىپ، يىللىق سېتىلىش سانى 100 مىڭدىن؛ 12 نامرات ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنتتىكى كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك سۈپۈرگە ئىسمى- جىسمىغا لايىق بېيىش ئالتۇن سۈپۈرگىسى بولۇپ قالدى. 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قەيسەر كىبىر مۇنداق دېدى: «سۈپۈرگىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشى، سېتىش بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كوپىراتىپمۇ تەدرىجىي كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز <كۆركەم> سۈپۈرگە ماركىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىچىك سۈپۈرگىنى تېخىمۇ يىراققا يەتكۈزىمىز».