خەلقنى بېيىتىش، كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش
【发布时间】2019-10-08  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزا خەنىچە كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ بىر نەچچە يىلدا كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، خەلقنى بېيىتىش، كەنتنى گۈزەللەشتۈرۈش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش، تەشەببۇسكارلىقى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» بەنزە ئەزالىرىنىڭ بىرگە بىر ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇراخمان ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلىتىش تىلغا ئېلىنسىلا بېشى قاتاتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ۋاڭ ۋېي ئۇنىڭ بىلەن ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىپ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى قايتا- قايتا چۈشەندۈردى، ئابدۇرۇسۇل يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە باشقا كەنت كادىرلىرىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشلەپ، بىللە خىزمەت قىلىش، بىللە ئۆگىنىش جەريانىدا ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، خەنىچە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: «ياردەم بېرىش، يېتەكلەش قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ، كەنت كادىرلىرى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ، سىياسەتنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە قوش تىل، كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ؛ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت كادىرلىرىدىن كەنت ئەھۋالى ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش چارىسىنى ئىگىلىدى». خىزمەت ئەترىتى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۈچنى ئېنىقلاش خىزمەت ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچنى ئېنىقلاش-- تونۇشى ئېنىق بولۇش يەنى ھەر بىر خىزمەتنىڭ پىلانى، نەتىجىسى بولۇشنى؛ ئىدىيەسى ئېنىق بولۇش-- خىزمەتنىڭ مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن، ۋەزىپىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى؛ ۋەزىپىسى ئېنىق بولۇش-- ئەمەلىي ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئولىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆرسىتەتتى. كەنت ئاھالىلىرىمۇ كەنت كادىرلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىدى، بۇ ھەقتە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى سىدىق ئىسمايىل مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بەزى كەنت كادىرلىرىنىڭ مىجەزى ئىتتىك، ئىقتىدارى تۆۋەن، قوپال ئىدى، ھازىر كەنت كادىرلىرى ئىش بېجىرەلەيدىغان بولدى»

▲ خەنىچە كەنتى ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، كەنتتىكى 145 ئائىلىلىك 604 نامرات ئاھالە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى پىلانلىدى. نامراتلىق يىلتىزىنى توغرا تېپىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئامما بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، سۇ بايلىقى كەمچىل، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى قالاق، ئاممىنىڭ ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ بولۇشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقتى. 1- شۇجىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن، كەنتتە تۇرۇشلۇق كۈچلەر كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش بىرىنچىدىن، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، تېرىقچىلىقتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش. ئىككىنچىدىن، كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچىدىن، تۈر ئىزدەپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خەنىچە كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز تېرىقچىلىقى ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشى جايىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن، پايدىسى ئاز بولغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا خادىملىرىنى كەنت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى تەھلىل قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تەڭشەپ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق يولىنى ئەلالاشتۇردى.

▲ خىزمەت ئەترىتى دېھقان- چارۋىچىلارنى كەچلىك كۇرستا تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىدىن ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشىگىچە بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەزنى ئىلمىي تېرىش بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىنى ئۈزۈلدۈرمەي تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى كەنتلەرگە بېرىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شۇ جاينىڭ كۆك- تاق قۇرۇلۇشى پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆكتات، باغۋەنچىلىك تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئېتىز ۋە ھويلىلىرىدا كۆپ خىل تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندۇرۇپ، كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، مەخسۇس ئادەم يېتەكچىلىك قىلىش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇدى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 104 نامرات ئائىلە 24 پارنىكتا كۆكتات تېرىدى، 85 مو يەرگە كاۋا تېرىدى، 100 موغا يېقىن يەرگە يېڭىدىن ئىقتىسادىي ئورمان قويدى. نامرات ئاھالە تۇر قاسىم بۇ يىل بىر مو يەرگە لازا، شوخلار ۋە بىر مو يەرگە كاۋا تېرىپ، دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى يىغىپ بولدى. ئۇ خۇشال ھالدا: «ئىلگىرى كېۋەز، بۇغداي تېرىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن كۆكتات تېرىپ، ھەر مو يەردىن 3 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ پايدا ئالدىم» دېدى. كۆكتات تېرىغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى. بۇ يىل يازلىق يىغىمدىن كېيىن، 80 ئائىلىلىك دېھقان ئېڭىز ئورنىغا كۆكتات تېرىدى، 26 ئائىلىلىك دېھقان لاپاس تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى. 

▲ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كەنتتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تۈرگە ئايرىپ رويخەتكە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جۇڭتەي خىمىيەسى قاتارلىق سەككىز كارخانىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 174 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى كەنتتىن چىقىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. 

 خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇلتۇر، كەنت ئاھالىسى ئابدۇجېلىل ھۈسەيىن كەنتتە تۇنجى تۈركۈمدە تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى ۋە تېرىقچىلىق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايوننى ئايرىشنى تاماملىدى، ئەمما قورۇ سىرتىنىڭ مۇھىتى توغرىسىدا ئۇ كەنت كادىرلىرىغا «ئۆينىڭ ئالدى-كەينى مەينەت، قالايمىقان، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولامدۇ؟» دىگەن تەكلىپنى بەردى. ئەمەلىيەتتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ پىلانىدا بار ئىدى. ئالدىنقى باسقۇچلۇق ھويلا- ئارام قۇرۇلۇشى ۋە تۈزەش تۈرى ئاساسىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەنتتىكى 2- كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنى تۈزەپ، كەنت قىياپىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى بەرپا قىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. 

▲ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا بىرلەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇل ئەسلىھە، جامائەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئۈچ رايوننى ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئائىلە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئايرىم ئاشخانا ۋە ھاجەتخانا سېلىپ، ئۆينىڭ ئالدى- كەينىگە مېۋىلىك كۆچەت، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى تىكىپ، كۆكتات تېرىدى. كەنت ئاھالىلىرىمۇ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزلۈكىدىن 16 ھەمكارلىق ئەترىتى تەشكىللەپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئەمگەك قىلىدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرپ، كەنتتە ھەر كۈنى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئەختەرنىسا ئابدۇراخمان يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ، ئىشىكى ئالدىدىكى چىغىر يولغا قاراپ ئاتا- ئانىسىغا: «بۇ يولدا كىچىكىمدىن باشلاپ نۇرغۇن قېتىم ماڭغان، ھازىر ئۆزگىرىش بەك چوڭكەن، ئىلگىرى يول بويى ئەخلەت ۋە قالايمىقان دۆۋىلەپ قويۇلغان دەرەخ شاخلىرى بىلەن توشۇپ كېتەتتى، ھازىر كەنتتىكى يوللارنىڭ يېنىدا گۈل- گىياھلار، كۆكتاتلىق بولۇپ يەنە، ياغاچ قاشا ئورنىتىلپتۇ، كەنتمىز ھەقىقەتەن بەك گۈزەل» دېدى.

▲ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش يېتەكچىسى، خەنىچە كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىلھام ئەخەت مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى قاتارلىق سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەنت قىياپىتىنى تۈزەشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشقا تىرىشىمىز».