شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ شورلۇق تۇپراققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇت بىلەن سورت ياخشىلاش دورىسىنى 100 مو يەردە تەجرىبە قىلىش ئاۋات ناھىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
【发布时间】2019-10-09  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 ئۈچ يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ شورلۇق تۇپراققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇت بىلەن سورت ياخشىلاش دورىسىنى 100 مو يەردە تەجرىبە قىلىش ئاۋات ناھىيەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 

 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى چۇماق كەنتىدىكى 38 مو شورلۇق يەردىكى كېۋەز تەجرىبە ئېتىزلىقىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى پاختا مەھسۇلاتىنى ئۆلچىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، تەجرىبە ئېتىزلىقىدا ھەر مو يەردىكى كېۋەزنىڭ پاختا مەھسۇلاتى 370 كىلوگىرامغا يېتىپ، بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ھەر مو يەرنىڭ مەھسۇلاتى 80 كىلوگىرام ئاشىدىغانلىقى ئۆلچەپ چىقىلغان. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ دوتسېنتى يەن ئەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقلىق تەجرىبە مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئاساسلىقى كېۋەزنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئوزۇقلۇق ۋە ئوغۇتنى تەتقىق قىلىپ چىقتۇق. بىز يەرلىكتىكى شورلۇق يەرنىڭ فىزىكىلىق- خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتىگە قارىتا بىئولوگىيەلىك تەڭشەپ ياسالغان سورتنى ياخشىلاش دورىسىنى تەتقىق قىلدۇق، مەخسۇس ئوغۇتنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

 تامتوغراق بازىرى چۇماق كەنتىدىكى 19 مىڭ 800 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى شورلۇق يەر بولۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ پەن- تەتقىقات خادىملىرى 2016- يىلىدىن باشلاپ، يەرلىكتىكى 100 مو شورلۇق تۇپراققا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوغۇت ۋە سورتنى ياخشىلاش دورىسىنى تەجرىبە قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، تەجرىبە ئېتىزلىقىدا مايسا ئۆنۈش ۋە ياشىرىش نىسبىتىنى %10 تىن كۆپرەك ئاشۇردى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى «لىخۇا شىنچۇاڭ» پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى ياڭ گويەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىۋەزنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە پاختا مەھسۇلاتى 300 كىلوگرام ئەتراپىدا ئىدى. بۇ يىل، بۇ خىل سورتنى ياخشىلاش دورىسى ۋە مەخسۇس ئوغۇتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆلچەپ، مەھسۇلاتنىڭ %20 تىن %30 كىچە ئاشقانلىقىنى بىلدۇق. يەنە بىرى مەخسۇس ئوغۇتنى ئىشلەتسەك، تەننەرقمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.

 شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆنىڭ دوتسېنتى يەن ئەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شورلۇق تۇپراققا كۈزگى بۇغداي تېرىش، بولۇپمۇ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نۆۋەتتىكى سۇ بىر قەدەر كەمچىل ئەھۋالدا، شورلۇق يەرگە قانداق قىلغاندا بۇغداينى ياخشى تېرىغىلى، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېرىغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شورلۇق تۇپراقنى ياخشىلاش تېخنىكىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تەتقىقاتنى سىجىل قانات يايدۇرىمىز.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ