ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ ماگىزىن، تاللا بازارلىرى ۋە بازار تەمىناتى كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى
【发布时间】2020-02-09  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

▲ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى چوڭ ماگىزىن، تاللا بازارلىرى ۋە بازار تەمىناتى كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدى.

▲ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا تارماقلىرى ھەر قايسى سودا ئوبوروت كارخانىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. 

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى گۆش، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، بازارنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، گۆش، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى. 

▲ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كالا، قوي، چوشقا گۆشى قاتارلىق زاپاس ئەشيالىرى كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، گۆش، كۆكتات قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتى يېتەرلىك، باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم ئىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بازار ئوبۇرۇتى ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل ئابلا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى پائال ماسلاشتۇردۇق. ماگىزىن، تاللا بازىرى قاتارلىق كارخانىلارمۇ مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، يېڭى مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى ئاچتى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇردىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىمىز ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ مال مەنبەسى يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېھتىياج بويىچە ئىسكىلاتتىكى تاۋار مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى كەم- كۈتىسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز». 



相关阅读