خوتەن ۋىلايىتى ناھىيە ئاتلاپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىنى سۇ، تۇپراق بايلىقى تېخىمۇ مول نىيە ناھىيەسىگە كۆچۈردى
【发布时间】2020-02-10  作者:xirenay  来源:新疆广播电视台

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:

  خوتەن ۋىلايىتى ناھىيە ئاتلاپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، قاراقاش ناھىيەسىدىكى نامرات ئاھالىنى سۇ، تۇپراق بايلىقى تېخىمۇ مول نىيە ناھىيەسىگە كۆچۈردى.

 خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيە يېيىق يېزىسىدىكى «نىيە» خەلقنى بېيىتىش رايونى-- قاراقاش ناھىيەسىدىكى كۆچۈش ئارزۇسى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 973 ئائىلە، 4 مىڭ 123 ئاھالىنىڭ يېڭى ماكانى. قەلبىنۇر مەمتىمىن ئائىلىسىدىكى تۆت جان 65 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق سەپلەنگەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. قەلبىنۇر مەمتىمىن ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلىدە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، كەنتتە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر موغىمۇ يەتمىگەچكە، كىرىمى ئاز ئىدى. قەلبىنۇر مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئىلگىرى ھېچ ئىش قىلالمايتتۇق، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئۆگىنىش قىلدىم ھەم 500 يۈەن ئىش ھەققى ئالدىم. ھازىر مەن ناھايىتى خاتىرجەم.

 يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى باشلامچى كارخانىلارنى بۇ يەرگە ماكانلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشقا جەلپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كارخانا نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى تېزدىن ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «مەخسۇس تەربىيەلەش، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن پىراكتىكا قىلىش» يېڭى چارىسىنى قوللىنىپ، ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسىنى دېھقان- چارۋىچىلارغا قولمۇ قول ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى يەنە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇشىغا ئاساس سېلىپ، «كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان بولۇش» نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، نىيە ناھىيە «نىيە» خەلقنى بېيىتىش رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ چېڭ مۇنداق دېدى: 17 كەسپىي كوپىراتىپ قۇرۇپ، 973 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە 10 تۇياق قوي ھەم بىر يىلدا 1 مىڭ 600 يۈەن پايدا تەقسىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققى بولغان ئەھۋالدىمۇ يەنە مۈلۈك كىرىمى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. باغچا رايونىنىڭ سىرتىدا كۆچۈرۈلگەن ھەر بىر ئائىلىگە 10 مودىن يەر ئايرىپ بەردۇق. كېيىنكى مەزگىلدە، 10 مىڭ مو يەردە باغ بەرپا قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇرۇلدۇرۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ بەرپا قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز.

 تەرجىمان: مەدىنە  

 

相关阅读