قۇمۇلدا توردا زاكاز قوبۇل قىلىنىپ، كەشتىچى ئاياللار ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى
【发布时间】2020-02-11  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەزگىلىدە، قۇمۇل ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت خىزمەت پونكىتىدا، سەنشى چاتقال مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى-- «كەشتىچى يىگىت» قادىر راخمان ھەر كۈنى كەشتىچى ئاياللار بىلەن سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەشتىچى ئاياللارنى تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تەدبىرلىرىگە پائال ماسلىشىپ، سىرتقا ئاز چىقىپ، يىغىلىشنى ئازايتىپ، ئۆيىدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ كەشتە تىكىپ، تور ئارقىلىق زاكاز قوبۇل قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

 مۇشۇ ئاينىڭ 7- كۈنى قادىر راخمان كەشتىچى رەيھانگۈلگە ياردەملىشىپ، بىر تۈركۈم كەشتە زاكاز تالونىنى ئېلىپ، دەرھال سىن ئارقىلىق ئۇنىڭغا خەۋەر قىلدى. قادىر راخمان: «ياستۇق كەشتىسى ئىشلەشكە زاكاز ئالدىم، ئىشلەمسىز؟» دېگەندە، رەيھانگۈل: «بىرسىگە نەچچە پۇل بېرىدىكەن؟» دەپ سورىدى. قادىر راخمان:«بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بىرى 30 يۈەن»دېگەندە، رەيھانگۈل:«ماقۇل مەن ئىشلەي» دەپ جاۋاپ بەردى.

 بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن رەيھانگۈل قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازار تۈگمەنبويى كەنتىدىن بولۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەي، تۇرمۇشى غورىگۈل ئۆتەتتى. 2016- يىلى «كەشتىچى يىگىت» قادىر راخمان كەشتىچىلىك ئەترىتى قۇرۇپ، سەنشى چاتقال مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولدى. رەيھانگۈل بۇ ئەترەتكە ئەزا بولغاندىن كېيىن تېزلا قولى چېۋەر، تالونى ئەڭ كۆپ كەشتىچى ئايال بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ناھايىتى ياخشى، زاكاز كۆپ بولغاچقا، كەشتىچىلىك قىلىپ خېلى ياخشى كىرىم قىلىۋاتىمەن.

 يۇقۇم كۆرۈلگەندىن كېيىن قادىر راخمان تېلېفون ياكى تور ئارقىلىق زاكازنى كەشتىچى ئاياللارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن چىقمايلا كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. قادىر راخمان مۇنداق دېدى: ھازىر كەشتىچى ئاياللىرىمىز سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كەشتىچىلىك قىلىدۇ. كۆپرەك زاكاز ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

تەرجىمان: ئىلمىنۇر

相关阅读