قاراقاش ناھىيە جاھانباغ يېزا ئاقساراي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئابدۇغېنى ھاشىم يىراق- يېقىنغا داڭلىق «تۆگە باقمىچىلىق ئائىلىسى»گە ئايلاندى​
【发布时间】2020-02-16  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

 قاراقاش ناھىيە جاھانباغ يېزا ئاقساراي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئابدۇغېنى ھاشىم ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، تۆگە بېقىپ قەرز پۇلىنى ناھايىتى تېزلا قايتۇرۇپ، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، شۇنداقلا يىراق- يېقىنغا داڭلىق «تۆگە باقمىچىلىق ئائىلىسى»گە ئايلاندى.

 مۇخبىر كەنت ئاھالىسى ئابدۇغېنى ھاشىمنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، قوتاندا بېقىلىۋاتقان 16 سېمىز تۆگە بارلىقىنى، ئابدۇغېنى ھاشىمنىڭ تۆگە سېغىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزا- بازاردىكى خېرىدارلار تۆگە سۈتى زاكاس قىلدى، ھازىر تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، چۈشتىن كېيىنگە قالماي سۈت تۈگەيدۇ، مەن تۆگە بېقىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدىم.

 ئابدۇغېنى ھاشىم ئىلگىرى ئاقساراي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى بولماي سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمىگەچكە، ئائىلىسىنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادىي مەنبەسى يوق، تۇرمۇشى غورىگۈل ئۆتەتتى. 2018- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئابدۇغېنى ھاشىم 50 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ئۆسۈمسىز قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، بۇ قەرز پۇلغا بەش تۆگە سېتىۋېلىپ، تۆگە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجى نىغمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: تۆگە سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىستىمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، سېتىلىشتىن غەم قىلمايمىز. ئابدۇغېنى ھاشىمنىڭ باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوللىدۇق. ئۇنىڭ تۆگە بېقىشقا ئالاقىدار كىتاب شۇنداقلا يەم- خەشەك سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردۇق. باقمىچىلىق كۇرسى بولسىلا ئۇنى قاتناشتۇرۇپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈردۇق.

 ئابدۇغېنى ھاشىم 5 تۆگىنى كۆڭۈل قويۇپ بېقىپ 10 قىلدى. بازاردىن ئالغان تۆگىسىنى قوشقاندا، ھازىر جەمئىي 16 تۆگىسى بار. قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. تۆگىلىرىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 15 كىلوگرام سۈت چىقىدۇ. كىلوگرامىنى 50 يۈەندىن ساتىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا تۆگە سۈتىدىنلا ئايدا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ. ئۇ ئۈچ يىللىق ئالغان بانكا قەرزىنى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتۇرۇپ بولۇپ، يېڭى ئۆي سېلىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى ھەمدە يىراق- يېقىنغا داڭلىق «تۆگە باقمىچىلىق ئائىلىسى»گە ئايلاندى. ئابدۇغېنى ھاشىم مۇنداق دېدى: مەن بازاردا تۆگە سودىسى قىلىپ، ھەر يىلى 60 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمىگە رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېكەيتىپ، تۆگە باقمىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى ئويلاۋاتىمەن.

 نىغمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ئۇ ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. خىزمەت ئەترىتىمىز، كەنت كومىتېتى بىر پارچە بوش يەرنى ئۇنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئاجرىتىپ بەردى. ئۇنىڭ باشلامچىلىق ئارقىلىق كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 تەرجىمان: گۈلرۇخ قاسىم

相关阅读