سەھرا ئارامگاھى ئائىلىمىزگە شاتلىق ئېلىپ كەلدى
【发布时间】2020-06-12  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن چەرچەن ناھىيە تاتىراڭ بازىرى سېرىق بۇيا كەنتىدىكى روزىخان تۇرسۇن. مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم نامرات ئاھالىدىن سەھرا ئارامگاھىنىڭ «ئايال خوجايىن» ىغا ئايلىنىپ، كۈنلىرىمنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى يەنە كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىگىنىم بولدى. 

▲ ئۈچ يىل ئىلگىرى مەن كېسەللىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىم، ئائىلىمىزنىڭ ئېغىر يۈكى يولدۇشۇمغا يۈكلەندى، سەككىز مو يەردىن قىلغان كىرىمىم بىلەن يولدۇشۇمنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر ئىقتىسادىي مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئاشۇ جاپالىق كۈنلەردە، چەرچەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۈچ- تۆت كۈندە بىر كېلىپ بىزگە ياردەملەشتى، يەنە بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىپ، چۈشكۈن كەيپىياتىمنى تەدرىجىي ياخشىلىدى.

▲«ئاچا، يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش يېڭى سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى ياساپ، مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ، توخۇخانا سېلىپ ۋە كىچىك پارنىك ياساپ، رېشاتكا ئورناتسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي يەنە كىرىمىڭىزنى ئاشۇرالايسىز».

2018 -يىلى 9- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، 1ـ شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يۆجۈن ئۆيىمىزگە ئائىلە زىيارىتىگە كەلگەندە «نامراتلارنى يۆلەش يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى»نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلىرىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈردى.

 ▲ خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ھويلىمىزنى ئۆلچەپ، چىرتىيوژ سىزىپ مېنىڭ ئويۇمغا ئاساسەن، بىر يۈرۈش ئىلمىي، مۇۋاپىق لايىھەلەنگەن ھويلا- ئارام خەرىتىسىنى پىلانلاپ بەردى. ئائىلىمىزدە ئەمگەك كۈچى ئاز بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ھويلىمىزنى تۈزلەش، كۆكتاتلىقىمىزنى رەتلەش، مېۋىلىك كۆچەت تىكىشىمىزگە ياردەملەشتى، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىدىن ياغاچ ئەكىلىپ قاشا ياساپ، ئۈزۈم بارىڭى ياسىدى.

▲2019- يىلى يازدا ھويلىمىزنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى، كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ئۆستۈرگەن بەسەي، جۇسەي، كۆك پۇرچاقلار ناھايىتى ياخشى ئۆستى، توخۇخانىدىكى يەرلىك توخۇلارمۇ جانلىق بولۇپ، ھەر خىل گۈللەر بەس- بەستە ئېچىلىشقا باشلىدى. مول ھوسۇل پەسلىگە كەلگەندە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنتتىكى ئاشخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلىمىزنىڭ كۆكتات، يەرلىك توخۇلىرىنى نۇقتىلىق سېتىۋالدى. بۇ يىل يازدا بازار كۈنى يايما ئېچىپ، ئۈزۈم، كۆكتات سېتىپ، 5 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم. 

▲ خۇشاللىق ياخشى ئىشلار ئۇلۇشىپ كەلدى. 2019- يىلى 6-ئايدا جاڭ شۇجى ئۆيىمىزگە زىيارەتكە كەلگەندە مۇنداق دېدى: «قاراڭ، ئۆيىڭىز دۆلەت يولى 315ـ لېنيەسى بويىدىكەن، قاتناش ئىنتايىن قولايلىق، ھويلىڭىز شۇنچە چىرايلىقكەن، ئەگەر سەھرا ئارامگاھى ئاچسىڭىز، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدىن يەنە بىرى كۆپەيمەمدۇ؟ جاڭ شۇجىنىڭ بۇ سۆزى ئويلىغان يېرىمىزدىن چىقتى. يولدۇشۇم ئەنۋەر روزى كاۋاپ پىشۇرۇشقا ئۇستا، ئۆي تائاملىرىنىمۇ ناھايىتى ئوخشىتىدۇ. بىز ئىزچىل ئۇششاق يېمەكلىكلەر دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاپ كەلگەنىدۇق، ئەمما مەبلەغ كەمچىل بولغاچقا، ئاچالمىغان، ھويلىمىزدا سەھرا ئارامگاھى ئېچىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق.

يولدۇشۇم ئىككىمىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى خالايمىز، بىز سەھرا ئارامگاھى ئېچىشقا بەل باغلىدۇق.

▲ خىزمەت ئەترىتى ئائىلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ بىزگە كاۋاپدان، ئۈستەل ـ ئورۇندۇق قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ بەردى، تىجارەت كىنىشكىسى ۋە ساغلاملىق كىنىشكىسى بېجىرىپ بەردى، يەنە يولدۇشۇمنى ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان ئاشپەزلىك كۇرسىغا قاتناشتۇرۇپ، ئاشپەزلىك ۋە ئاشخانا مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. خىزمەت ئەترىتى بىزگە ۋىۋىسكا لايىھەلەپ، دۇكاننى بېزەپ، تاماق تىزىملىكى تەييارلاپ بەردى.

▲ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 2019- يىلى 7- ئايدا ئائىلىمىزنىڭ سەھرا ئارامگاھى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكەر كەنت كادىرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكى، دوۋيىن سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق سەھرا ئارامگاھىنى تەشۋىق قىلدى. سەھرا ئارامگاھىنىڭ قورۇما تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە قەرەللىك ھالدا كەسپىي ئاشپەزلەرنى بىزنى تەربىيەلەشكە تەكلىپ قىلىپ، تىجارەتنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇردى، قورۇما تۈرلىرىنى تېخىمۇ بېيىتتى، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەتراپلىق قىلدى. سەھرا ئارامگاھىنىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئۈچ دېھقان ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سەھرا ئارامگاھىدا ئىشلىدى. مېنىڭ تەسىرىمدە، كەنتتە يەنە ئارقا ـ ئارقىدىن ئۈچ سەھرا ئارامگاھى قۇرۇلۇپ، 13 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

▲سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ھازىر يولدۇشۇم ئىككىمىز كۈندە ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەۋاتىمىز، ئايدا 4 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىزدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ھويلا- ئاراملارنى داۋاملىق پاكىزە، رەتلىك تۇتۇپ، سەھرا ئارامگاھى ۋە كۆكتات پارنىكلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.