ئېگىزلىكتىكى نامرات كەنتتە بەخت گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش
【发布时间】2020-06-15  作者:mikray  来源:新疆广播电视台

 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزا شەرافدى كەنتىدىكى «سۇلۇق يەر باغچىسى» تىجارەت باشلىدى. شۇ كۈنى بىر مەيدان ئات بەيگىسى ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى تىجارەتكە قاتناشقان بارلىق ئاۋۇل ئارامگاھى ۋە تاۋارلارنى پارچە سېتىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھەربىر تىجارەتچىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، كەنت كوللېكتىپى پارنىكتا يېتىشتۈرگەن 1- تۈركۈمدىكى 3 مىڭ تەشتەك يېشىل پىچەكگۈل، ئەتىرگۈل سېتىلىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 150 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزا شەرافدى كەنتىگە بېرىپ تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولغان 1- شۇجى ليۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىدىغان يىلدا، يۇرتداشلار رازى بولغۇدەك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، بەخت گۈللىرىنى پامىر ئېگىزلىكىدە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز».

▲ 2018- يىلى 1- ئايدا، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ليۇ گاڭنى شەرافدى كەنتىگە 1-شۇجى قىلىپ تاللاپ ئەۋەتتى. بەنزە بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ، ئىجرا قىلىش كۈچى ئاجىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ليۇ گاڭ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەربىر كادىردىن بىر كەنت كادىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەش، بىر كادىر ئۈچتىن تۆتكىچە پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئالاقە باغلاپ ياردەم بېرىش، يېتەكلەشنى تەلەپ قىلىپ، بىرگە بىر، بىرگە كۆپ بولغان ياردەم بېرىش، يېتەكلەش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىدى. چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىدىن پايدىلىنىپ، كەنت كادىرلىرىنى نەزەرىيە، سىياسەت ئۆگىنىش بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى؛ پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى بويىچە، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى دائىملاشتۇردى، قېلىپلاشتۇردى؛ كەنت كادىرلىرىنىڭ ياش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈردى؛ كەنتتىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى، كەنت قائىدىسى ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى قاتارلىق 26 تۈرلۈك قائىدىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

▲ 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەرافدى كەنتى بىراقلا نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017- يىلىدىكى 6 مىڭ 673 يۈەندىن 2019- يىلى 9 مىڭ 275 يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %39 بولدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۆلەتمەمەت رېيىسىك ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىرقى كەنت ئىككى كومىتېتى بەنزىسىدىن ئامما بارغانسېرى رازى بولدى».

▲ شەرافدى كەنتى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى غەربىي كوئېنلۇن تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قاتتىق سوغۇق بولىدۇ، ئوكسىگېن كەمچىل، مۇھىتى ناچار، يېرى ئۈنۈمسىز بولغاچقا، نامراتلىق نىسبىتى يۇقىرى. بۇ پايدىسىز ئامىللار ئالدىدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قانداق قىلىش كېرەك؟ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ تۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ھەر جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، 94 نامرات ئائىلىدىكى 116 ئەمگەك كۈچى ئۈچۈن چېگرا قوغدىغۇچىسى، ئوتلاق قوغدىغۇچىسى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىنىڭ پۇل تېپىش يولى بولۇش، ئايدا كىرىمى بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. 2018- يىلى 10- ئاينىڭ 30- كۈنى 183 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ھەممىسى پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

▲ شەرافدى كەنتىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سىجىل مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن يېڭى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەچە يېزىسىدىكى «پەنلۇڭ قەدىمىي يولى» دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق يېڭى تاراتقۇلاردا قىزغىن ئالقىشلاندى. 30 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئايلانما تاغ يولىدا 600 دىن ئارتۇق ئەگىم بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدىغان سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ تۇتاش ئەگىملەر بىر بۆلەك قىسقا سىن فىلىمى يۈز مىليون قېتىم چېكىلىپ، مەملىكەت بويىچە توردا ئالقىشلانغان كۆرگۈچىلىكى بار تاشيولغا ئايلاندى. لېكىن بەزى ساياھەتچىلەر تاماق يەيدىغان، دەم ئالىدىغان جاي تاپالماي، كەلگەن يولى بىلەن قايتىشقا مەجبۇر بولاتتى.

▲ بۇنىڭ ئۈچۈن، كەنتتە «<پەنلۇڭ قەدىمىي يولى> دا مېڭىش، سۇلۇق يەر باغچىسىنى سەيلە قىلىش، ئاۋۇل ئارامگاھىدىن ھۇزۇرلىنىش» تىن ئىبارەت ساياھەت تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى. بۇ يىل 3- ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ كەنت كۆلىمى 180 مو كېلىدىغان «شەرافدى سۇلۇق يەر باغچىسى» قۇردى، نامرات ئائىلىلەر تىجارەت قىلىدىغان توققۇز ساياھەت كىگىز ئۆيى ياسىدى، ئۆز كەنتىدە ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش ئەترىتى تەشكىللىدى. بۇ يىلىنىڭ بېشىدا، ليۇ گاڭ ئۆزى مەبلەغ توپلاپ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپ پارنىكىدىن ئىككىنى ئۆزگەرتىپ، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» شەرافدى گۈل- گىياھ كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى بەرپا قىلدى. 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، يېتىشتۈرۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى گۈل- گىياھلار سېتىلىپ تۈگىدى.

▲ ليۇ گاڭ توردىن پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، چارۋىچىلارغا پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈشنى قولمۇ قول ئۆگەتتى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئاشخانىسىنى ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش دەرسخانىسى قىلىپ پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىدى. قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇش، كەنت ئاھالىلىرى پۇت- قولى ئاسان ئۈششۈپ قېلىش ئەھۋالىغا قارىتا، ليۇ گاڭ ۋۇخەن خۇايۈەن تەيكاڭ بىيو پەن- تېخنىكا شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت داۋالاش ئۆيىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مىڭ قاپ ئۈششۈك يارىسى مەلھىمى ئىئانە قىلغۇزۇپ، ئۈششۈك يارىسى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە بەردى.

▲ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى يەنە بىر كۆزنەكلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى قۇردى، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە ئاز سوممىلىق پۇل ئامانەت قويۇش- ئېلىش، قىممەت تولۇقلاش، توردىن مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىق خەلققە قولايلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيتتى. كەنت ئاھالىلىرى بۇ زالنى يېقىملىق قىلىپ «بىر قېتىملا قاترايدىغان زال» دەپ ئاتاشتى. 2019 - يىلى 7- ئايدا، ليۇ گاڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ 190 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ بەردى؛ قۇياش ئېنېرگىيەلىك تام چىرىغىدىن 115نى سېتىۋېلىپ ئورناتقۇزۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېچىدە ھويلىسىنى يورۇتۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

▲ ئۈچ يىلدىن بۇيان، ليۇ گاڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن 1 مىليون 417 مىڭ 200 يۈەن مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرافدى كەنتىگە 11 كىلومېتىر ماي يولى ياساپ بەردى، تۆت يېرىم كىلومېتىر توك يولىنى ئۆزگەرتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى رېمونت قىلدۇردى، مېھىر- شەپقەت جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرى، بەخت قورۇسى قاتارلىقلارنى سېلىپ بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.