ئىرادە جەھەتتە يۆلەش بىلەن ئەقلىي جەھەتتە يۆلەش- كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى
【发布时间】2020-06-17  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرى قېرىقئېرىق كەنتى بىلەن رىشتە باغلىغىنىغا ئۈچ يىل بولدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇلار ھويلا- ئاراملارنى تازىلاش، ھويلا- ئاراملارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى گۈزەللەشتۈردى. ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، بايلىق تەقسىملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى. ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش ئارقىلىق ھويلا- ئارام ئۆزگىچە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

▲ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش تەكلىپىنى كۆپ قېتىم رەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، قېرىقئېرىق كەنتىدىكى مەلىكە ئابلا خىجىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندىن كېيىن ئىش ھەققىگە ئىگە بولدۇم. يەنە نۇرغۇن دوست تۇتتۇم، تۇرمۇشۇم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى. سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى بالدۇرراق ئاڭلىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىمەن». مەلىكە ئابلا ئائىلە ئايالى بولۇپ، يىل بويى ئائىلىدە بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش تىلغا ئېلىنسىلا، ئۇ دائىم: «مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، سىرتقا چىقسام ھېچ ئىش قىلالمايمەن» دەپ ئۆزىگە ئىشەنمەيتتى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بوشىشىپ قالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈندىلىك ئائىلىلەرگە كىرىپ ياردەم بېرىش جەريانىدا، دائىم ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىپ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن رىغبەتلەندۈرۈش ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن كەنت ئىككى كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، مەلىكە ئابلا قارشىلىشىشتىن قوبۇل قىلىشقا، قوبۇل قىلىشتىن ئىنتىلىشكە ئۆتۈپ، ئاخىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە بەل باغلىدى.

▲ تۇنجى قەدەمنى باسقاندىن كېيىن، مەلىكە ئابلا ئىشلەمچىلىك قىلىشنىڭ ئويلىغاندەك ئۇنداق جاپالىق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدى. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەلىكە ئابلا يەنە ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ھازىر ئائىلىسىدە ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئۈچەيلەن ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىقلا بىر ئائىلە كىشىلىرى 86 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىسىدە بىكار تۇرۇۋاتقان نامرات ئائىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پائال سەپەرۋەر قىلىپ، مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر دېگەننى مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن دېگەنگە ئۆزگەرتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 50 ئائىلە ئىچىدىكى 47 ئائىلىدىكى 89 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

▲ قېرىقئېرىق كەنتىدىكى يىراق- يېقىندا نامى بار باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئاتاۋۇللا تۇرسۇننىياز مۇنداق دېدى: «بىرىنچى پەسىلدە 2 مىڭدىن ئارتۇق چۈجە چىقىرىپ، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم. ھىسابلاپ باقسام ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا يەنە 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغۇدەكمەن». ئىككى يىل ئىلگىرى ئاتاۋۇللا تۇرسۇننىياز كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. ئۇ يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان غەيرىتىگە تايىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ھېچنېمىسى يوق ھالەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى. يەنە ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى تەرىپىدىن 2019- يىللىق تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ماھىرى بولۇپ تەقدىرلەندى. ئاتاۋۇللا تۇرسۇننىيازنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىدا تېخىمۇ پۇختا مېڭىشى ئۈچۈن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاتاۋۇللا تۇرسۇننىيازنىڭ چۈجىلىرىنى تۇنجى قېتىم سېتىپ پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە ئىسسىق ساقلاش ساندۇقى، گېنېراتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ بەردى، يەنە غاز، قىزىل تۇمشۇقلۇق غاز باقمىچىلىقى تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

▲ ئاتاۋۇللا تۇرسۇننىيازنىڭ توخۇ بېقىپ نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلار ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىپ، بەس- بەستە تەجرىبە ئۆگىنىشكە باردى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمى ۋە تۈرتكىسىدە، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەيدىغان ھويلا- ئارام خاس باقمىچىلىقى رەسمىي تەرەققىي قىلدى. كەنت ئاھالىسى ھەبىبۇللا ھېيت مۇنداق دېدى: «ئېنىق بولمىغان جايلار بولسا، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن بىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار بولغاچقا، ھويلا- ئارام باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بەل باغلىدىم. توخۇ بېقىش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىمەن. ئىشىنىمەنكى، تىرىشساملا ھەميانىم چوقۇم تومپىيىدۇ».

▲ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىللىق نامراتلارنى يۆلەش كەچۈرمىشى ماڭا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، نامرات ئائىلىلەرنى ئۈزۈل- كېسىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەرگە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش كېرەك». زاۋۇتنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى تىرانسفورموتور رېمونت تۈرىنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆيىدە ئىش كۈتۈپ تۇرغان مەمتىمىن ئەخمەت، توختىروزى ئابدۇللانى ئۇ يەردە ئىشلەشكە تەۋسىيە قىلدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ رېمونتچىلىرى ئاساسىي تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش تېخنىكىسى، بىخەتەرلىك مۇھىم نۇقتىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەمتىمىن ئەخمەت بىلەن توختىروزى ئابدۇللانى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. مەمتىمىن ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بۇنداق ياخشى خىزمەت پۇرسىتى بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى قۇراشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم».

▲ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت گۇرۇپپىسى قېرىقئېرىق كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەم ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى. بۇ قوشماقلاشقان كەنتنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، نامرات ئائىلىلەر باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى، كەنت ئاھالىلىرى بەس- بەستە سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشىگە بەل باغلىدى.