شىنجاڭ كۇچا: ئالتۇن رەڭ بۇغداي دولقۇنلىرىغا يوشۇرۇنغان مول ھوسۇل شادلىقى
【发布时间】2020-06-18  作者:xirenay  来源:天山网

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنىڭ ياقا بازىرىدا بۇغدايلار پىشىش مەزگىلىگە كىردى، بۇغدايلىقتا، كومبايىنلار ئالتۇن رەڭ بۇغداي دولقۇنلىرى ئىچىدە بېرىپ-كېلىپ ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى دانە-دانە توق بۇغداي دانلىرىنى كۆرۈپ خۇشاللىققا چۆمدى. بۇ يىل كۇچا شەھىرى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزى» قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، پەرۋىش قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، 340 مىڭ مو بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بىرلىك مەھسۇلات 480 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 20 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاشىدىكەن.

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى