تاغ داۋاندىكى كەنتكە مۇھەببەت
【发布时间】2020-06-22  作者:munawar  来源:新疆广播电视台

«ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى خىزمىتى پۇقرالارنىڭ ھال- ئەھۋالى، ئاممىنىڭ ئامانلىقى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قاتلامغا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كەلدىم. تېرەك كەنتى مېنىڭ ئىككىنچى ئائىلەم». بۇ ئۇلۇغچات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تېرەك يېزىسى تېرەك كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كۇڭ شياڭبونىڭ دائىم دەيدىغان سۆزى.

 «شياۋ كۇڭ، سىز قىرغىز تىلىدا دېگەندەك سۆزلىيەلمەيدىكەنسىز،بىز چۈشىنەلمىدۇق، يەنىلا دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئالدىرىماي سۆزلەڭ. » ماتاراڭنىڭ مەسخىرە ئاۋازىغا ئەگىشىپ، كوڭ شياڭبونى ئورىۋېلىپ لېكسىيە ئاڭلىغان چارۋىچىلار قانغۇچە كۈلۈشتى. تېرەك كەنتى تىپىك چېگرا كەنتىگە تەۋە بولۇپ، قىرغىزلارنى ئاساس قىلغان چارۋىچىلىق كەنتى ئىدى. كەنتتىكى كۆپ ساندىكى ياشلار چارۋىچىلىق مەيدانىدا مال باقىدىغان بولغاچقا، تاغدىن چۈشۈپ تۇرىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن ئاز ئىدى. يىل بويى تاغدا يۈرگەچكە، قوش تىل سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولۇپ، سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى.

▲ كوڭ شياڭبو چارۋىچىلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ۋاقتىدا ئاڭلىشى، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، بىر نەچچە كادىرنى تەشكىللەپ، ھەر پەسىلدە چارۋىچىلار يايلاق كۆچكەندىن كېيىن تاغقا چىقىپ تەشۋىق قىلدى. تاغقا چىقىدىغان يول ناچار، ئاپتوموبېل ماڭالايدىغان يول ئۇزۇن بولمىغاچقا، قالغان يولنى پىيادە مېڭىشقا توغرا كېلەتتى. بەزىدە پۈتۈن بىر كۈن پىيادە مېڭىشقا توغرا كىلەتتى. تاغ- داۋانلاردىن ئېشىش دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ئىدى. ھەر قېتىم چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پۇتلىرى قاپىرىپ كېتەتتى. ئۇلار بارغاندىن كېيىن، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى كوڭ شياڭبونىڭ يېنىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەر، كەنتتە يېقىندا قانات يايدۇرۇلغان خىزمەتلەر ۋە يېڭى تۈرلەر، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش شارائىتى قاتارلىقلارنى ئاڭلايتتى. چارۋىچىلارنىڭ قوش تىل سەۋىيەسى ياخشى بولمىغاچقا، بىر قىتىم سۆزلىگەنگە چۈشەنمەيتتى، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن قايتا- قايتا تەشۋىق قىلاتتى.

▲ ماتاراڭنىڭ ئۆيىدە 20 نەچچە قويى بار بولۇپ، يىل بويى تاغدا يۈرەتتى. ھەر يىللىق تۈرلۈك تولۇقلىما پۇلىنى ئۇ كېلەر يىلىغا سۆرەيتتى ياكى ئېلىشنى ئەسلا بىلمەيتتى. كۇڭ شياڭبو ھەر قېتىم تاغقا چىققاندا، ئۇنىڭغا بۇ يىل بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ياردەم پۇلى ۋە ئېلىش ۋاقتىنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ تولۇقلىما پۇلنى قولدىن بېرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. «شياۋ كۇڭ خۇددى ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ، ھەر قېتىم كەلگەندە توختىماي سۆزلەيدۇ، <ماتاراڭ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بۇ يىل ھويلا- ئارام تولۇقلىمىسى بار، ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ>، <ماتاراڭ، نەسىللىك قوي تولۇقلىمىسى تارقىتىشقا ئاز قالدى، پۇلنى ئېلىپ ئاندىن مېڭىڭ>، تەلىيىمگە ئۇ بولغاچقا، مەن ھەر يىللىق تۈرلۈك تولۇقلىمىلارنى ۋاقتىدا ئالالايمەن» دېدى ماتاراڭ قىزىقچىلىق قىلىپ.

«ئامما قەيەرگە بارسا، بىزنىڭ سىياسەت تەشۋىقاتىمىز شۇ يەرگە ئەگىشىپ بېرىشى كېرەك». كوڭ شياڭبو كەنتتە تۇرغان تۆت يىلدا ھەر پەسىلدە تاغقا چىقىپ تەشۋىق قىلدى. كوڭ شياڭبونىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن تاغدىكى كىشىلەر تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە بولسىمۇ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە كەنتنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

▲ يىل بېشىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كۆرۈلگەندە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، قىشلاقتا تۇرۇۋاتقان چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بىردىنلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مەمەتھەسەن قىدىلال ئائىلىسىدىكىلەر ھەر يىلى قىشلاققا بېرىپ چارۋا باقاتتى. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، مەمەت ھەسەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاغدىن چۈشەلمگەچكە، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىمۇ توشۇپ كېلەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا سۇ مەنبەسى بولمىغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سۇ ئىچىشىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. مەمەتھەسەننىڭ دادىسىنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بولۇپ، دورىسىمۇ تۈگەپ قالغاچقا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر كۈنى تىت- تىت بولۇپ كېتەتتى، مەمەتھەسەن تېخىمۇ غەمگە پېتىپ ئۇخلىيالمىدى. ئەھۋالنى ئىگىلىگەن كۇڭ شياڭبو ئولتۇرالماي، بىر نەچچە ھەمراھى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى، ئىچىدىغان سۇ، نان، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يولدا قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، يول مۇز تۇتقان ياكى قار ئاستىدا قالغان ئىدى. ئاپتوموبېل شىۋىرغاندا 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى ماڭالماي توختاپ قالدى.

▲ «ئاپتوموبېلدىن چۈشۈڭلار. بىز مېڭىپ بارايلى». كۇڭ شياڭبو ۋە باشقا ھەمراھلىرى ماددىي ئەشيالارنى كۆتۈرۈپ، قار- مۇزدا پىيادە داۋاملىق ماڭدى، ھەممە ئادەم توڭلاپ تىترەپ، يۈزى ۋە قولى توڭلاپ قىزىرىپ كەتتى. مەمەت ھەسەننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، كۇڭ شياڭبونىڭ پۈتۈن بەدىنى قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، توڭلاپ گەپ قىلالماي قالغانىدى. شۇ دەقىقىدە، مەمەتھەسەن ئۆزىنى تۇتالماي، تەسىرلىنىپ ھەم ئىچ ئاغرىتىپ كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتتى. «گەرچە بىزنىڭ تىلىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن دىلىمىز ئوخشاش، بۇنىڭدىن كېيىن سىز مېنىڭ ئۆز ئوغلۇم» دېدى مەمەتھەسەننىڭ ئانىسى كۇڭ شياڭبونىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ، يىغلىغاچ.

 يۇقۇم مەزگىلىدە، كۇڭ شياڭبو كەنتتە تۇرۇشلۇق باشقا كۈچلەر بىلەن بىللە 2 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تاغ يولىنى بېسىپ، قىشلاقتا قاپسىلىپ قالغان 50 ئائىلىلىك چارۋىچىغا ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى ئاممىنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش، ئاممىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

▲ تېرەك كەنتىدە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ياشانغانلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار ئىدى. ھەر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارنى يوقلاش، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلىشىش، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش كۇڭ شياڭبونىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى.63 ياشلىق خېلىل مۇساخۇننىڭ ئايالى بالدۇر تۈگەپ كېتىپ، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، يالغۇز تۇراتتى، سالامەتلىكىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. ھەر يىلى قىش ئۇنىڭ ئەڭ قىينىلىدىغان پەسلى ئىدى. 2018- يىلى قىش ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولدى. چارۋىچىلىق رايونىدا قار كۆپ ياغدى. خېلىلنىڭ قارنى ۋاقتىدا تازىلاشقا قۇربى يەتمىگەچكە، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھويلىغا يىغىلىپ قالغان قارنىڭ ئىگىزلىكى 60 نەچچە سانتىمېتىرغا يەتكەنىدى. بوۋاي ئۆيىگە سولىنىپ قېلىپ، سىرتقا چىقالماي قالدى. ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كۇڭ شياڭبو دەرھال بىر نەچچە ياش كادىرنى باشلاپ خېلىلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قارنى تازىلاپ، يىغىلىپ قالغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇردى، كۇڭ شياڭبونىڭ قار تازىلاش تاختىسىنى تۇتقان ئىككى قولى سوغۇقتا قىزىرىپ كەتتى، خېلىل بوۋاي بۇنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ، كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ: «يىراقتىكى پەرزەنتلەرمۇ كۆز ئالدىمدىكى بالىلارغا يەتمەيدۇ» دېدى.

▲ كۇڭ شياڭبونى بالام دەپ چاقىرىدىغان ياشانغانلار ناھايىتى كۆپ، ئىسپاتى تاغا يىل بويى مۇشۇ كەنتتە تۇرمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئوتلاقلارنى ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، ئوت- چۆپ ئورۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۇڭ شياڭبو ھۆددىگە ئالغانىدى. ئابدۇرېشىت چۇدۇت بۇ يىل 90 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، پەرزەنتلىرى يىل بويى يېنىدا بولمىغاچقا، كۇڭ شياڭبو ئۇ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتىنى باشتىن- ئاخىر ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر كۈنى تاماق ئەكىلىپ، سۇ توشۇپ، كىيىم- كېچىكىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى. قىزىلسۇ دەرياسى بويىدا بارلىققا كەلگەن بۇ بىپايان زېمىندا، كۇڭ شياڭبو تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كەنتتە تۇرۇش تۇرمۇشىنىڭ ئاچچىق- چۈچۈكلىرىنى بىمالال تېتىپ، پاك ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇ تېرەك كەنتىنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئائىلىسى، كەنت ئاھالىسىنى ئۆز ئائىلىدىكىلىرى دەپ بىلىپ، قىلچە ئۆكۈنمەي ،تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.