قۇملۇق قىزىلگۈلى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى
【发布时间】2020-06-25  作者:xirenay  来源:新疆日报

كېرىيە ناھىيەسى:

قۇملۇق قىزىلگۈلى كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى پورەكلەپ ئېچىلدۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ يى

دېھقانلار كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسىدىكى خاس قىزىلگۈل تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا قىزىلگۈل ئۈزمەكتە (5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تارتىلغان).

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

ياز كىرگەندىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو قىزىلگۈل ئېتىزدا بەس - بەستە ئېچىلىپ خۇش پۇراق چېچىپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يەردە ھەم پورەكلەپ ئېچىلغان رەڭگارەڭ چىرايلىق قىزىلگۈللەر بار، ھەم شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل ئېتىزىدىكى جاپالىق ئەمگىكىمۇ بار. قىزىلگۈل كەسپى شۇ جاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈمىد بېغىشلىماقتا.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئەزەلدىن قۇملۇق قىزىلگۈلى تېرىش تارىخى بار. بۇ يىللاردا، كېرىيە ناھىيەسى قىزىلگۈل كەسپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ، سانائەت تەرەققىياتى تەپەككۇرى، سودا مەشغۇلاتى ئەندىزىسى ئارقىلىق سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كىچىك ھەم تارقاق قىزىلگۈل كەسپىنى تەدرىجىي ھالدا «كارخانا+بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شەكلىگە تىپ ئۆزگەرتىپ، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان باشلامچى كەسىپكە ئايلاندۇردى.

كارخانا يېتەكلەش

كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزەتسەك، بىر كارخانا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شىنجاڭ كېرىيە گۇيمى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە گۇيمى شىركىتى دېيىلدى) شۇ جايدىكى قىزىلگۈل بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلگەن، پورەكلەپ ئېچىلغان بىر كارخانا بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە شۇ جايدىكى قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەيدىغان باشلامچىغا ئايلاندى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا باشلايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

6 - ئايدىن بۇيان، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن قىزىلگۈل گۇيمى شىركىتىنىڭ يىغىپ ساقلاش ئامبىرىغا دۆۋىلىنىپ كەتتى. گۇيمى شىركىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقارغان قىزىلگۈل گۈلقەنتى، قىزىلگۈل جەۋھىرى مېيى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار ئارقا - ئارقىدىن سېختىن كەڭ بازارغا يۈزلەندى.

«نۆۋەتتە، كارخانا 10 مىڭ مو قىزىلگۈل تېرىقچىلىق بازىسى قۇرۇپ چىقىپ، قىزىلگۈل كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق بازىسى ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، سېتىش - ئوبوروت قاتارلىق ھالقىلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن، قىزىلگۈل خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى، يېمەكلىك، گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى توپلاپ بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن مەھسۇلات كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.» گۇيمى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىل ئابدۇرازاق مۇنداق دېدى: كارخانا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىزىلگۈلدىن ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلانغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى شەكىللەندۈردى، نۆۋەتتە مەھسۇلاتنىڭ تۈرى 65تىن ئېشىپ، مەھسۇلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلماقتا.

كارخانىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى مەھسۇلاتنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىدىن كەلگەن كەنت ئاھالىسى توختىخان روزى گۇيمى شىركىتىنىڭ بىر پىشقان مەشغۇلات ئىشچىسىغا ئايلاندى، ئوراپ قاچىلاش، قاچىلاش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلالايدۇ.

«كارخانا بىزنى ماھارەت ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، مېنىڭ ھازىر ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمىم بار، بۇ يىل پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدا مەسىلە يوق» دېدى توختىخان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيمى شىركىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن توختىخانغا ئوخشاش نامرات ئامما كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«بۇ يىل 3000دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە قىزىلگۈل ئۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشتى.» ئادىل مۇنداق دېدى: 2012 - يىلى گۇيمى شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھەم ئەتراپتىكى پەسىل خاراكتېرلىك ۋاقىتلىق ئىشچىلاردىن جەمئىي 200 مىڭ ئادەم قېتىم ئىشلىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ياراتتى، شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يېڭى ئۈزۈلگەن قىزىلگۈل، قىزىلگۈل كۆچىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ياراتتى.

«كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۇزىرىشى ۋە مەھسۇلات تۈرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىنىڭ پايدىسىدا، كارخانىنىڭ سېتىش سوممىسى ئۇدا كۆپ يىل ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.» ئادىل مۇنداق دېدى: بۇ يىل، گۇيمى شىركىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بازار ئېچىپ، كەسىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ يول يارىتىپ بېرىدۇ.

ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش

سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش

«ھېلىمۇ ياخشى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىز تېرىغان قىزىلگۈلنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن 50 كىلوگىرامغا يېقىن يۇقىرى بولدى، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمىمىز مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشتى» دېدى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى غادراڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سىپىرەمخان مەتتوختى خۇشال ھالدا.

سىپىرەمخانغا ياردەم بەرگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى كېرىيە ناھىيەسى ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بۇ بىر قىزىلگۈل مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىقلار توپلاپ بىر گەۋدە قىلىنغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى «تايانچ كۈچ»كە ئايلاندى.

6 - ئايدا، ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئىچى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ، كوپىراتىپ ئەزالىرى ئالدىراشلىق بىلەن قىزىلگۈل گۈل چېيىنى پىششىقلاۋاتاتتى، بۇ بىر چېڭدۇدىن كەلگەن 750 مىڭ يۈەنلىك زاكاز ئىدى.

«قىزىلگۈل گۈلقەنتى، گۈل چېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بازاردىكى سېتىلىش يوللىرى بارغانسېرى ياخشى بولدى، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپچىقارغاندىلا ئاندىن ئېھتىياجنى قاندۇرالايمىز.» ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى غوجابدۇللا ئوسمان مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى، خام ئەشياغا بولغان ئېھتىياجى زور، ئۈزلۈكسىز تۈردە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قىزىلگۈلنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرگەندىلا، كەلگۈسىدىكى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتى ئاندىن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇققا ئىگە بولىدۇ.

«بىز مەخسۇس تېخنىكا كىچىك ئەترىتى قۇرۇپ، پۈتۈن يېزىدىكى ھەربىر كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق.» غوجابدۇللا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى تېخنىك خادىملار 10 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئىلمىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ قىزىلگۈل سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشىنى تېخنىكا مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

سىپىرەمخان دەل نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى. «ئىلگىرى قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتىنىڭ كېلەر يىللىق قىزىلگۈلنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل قىزىلگۈلنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ تېخنىكا تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قىزىلگۈللەرنى چاتاپ، كېلەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ.

نۆۋەتتە، ئىناق خاس يېزا ئىگىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قىزىلگۈل گۈلقەنتى، گۈلقەنت نېنى ئىشلەپچىقىرىش سېخى شۇ جايدىكى 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى جەلپ قىلىپ، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق تىجارەت مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن دېھقان ئائىلىسى 700 ئائىلىدىكى 2000دىن ئارتۇق كىشىگە يەتتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يېتەكلەپ ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەنمەكتە.

مەنپەئىتىنى باغلاش

كارخانا، دېھقان قوش پايدا ئېلىش

كارخانا كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھۈجەيرىسى، خادىملار كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى بايلىق، زىچ بولغان كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى باغلاش مېخانىزمى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىلگۈل كەسپى تەرەققىياتىغا تولۇق غەيرەت ۋە ئەمەلىي كۈچ توپلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كېرىيە ناھىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەنە بەزىلەر مەتتۇردى مەمتىمىنگە ئوخشاش، بارغانسېرى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

مەتتۇردى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ جاي يېزىسى يۇقارىقى جاي كەنتىدىكى دېھقان، ئىلگىرى پەقەت يەر تېرىشنىلا بىلىدىغان ئۇ، گۇيمى شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، تەقدىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.

«خىزمەت ماڭا مۇقىم كىرىم ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە ماڭا بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى.» مەتتۇردىنىڭ ئېيتىشىچە، كارخانىغا كىرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بوتۇلكا يۇيۇش، قاچىلاش، ئوراپ قاچىلاش قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوت قالىغۇچىلىق كىنىشكىسى، كەپشەرچىلىك كىنىشكىسى قاتارلىق كەسپىي سالاھىيەت كىنىشكىسىگە ئېرىشكەن، ماھارىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلگەن.

«قىزىلگۈلنى دىستىللەش ئىش ئورنى پىششىقلاش ھالقىسىدا تېخنىكا تەلىپى ئەڭ يۇقىرى، ھازىر پەقەت سېخ مۇدىرى ۋە بەنجاڭلا قىلالايدۇ، مەن تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن.» مەتتۇردىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، گۇيمى شىركىتىدە 60تىن ئارتۇق مەتتۇردىغا ئوخشاش يەرلىكتىن كەلگەن تېخنىكا تايانچىسى بار، ئۇلار كارخانا بىلەن بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، كەسىپ بىلەن بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي ھالدا قىزىلگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

«ئۇلار كارخانىنىڭ بايلىقى، شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچى.» ئادىل مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى دېھقانلارنى لاياقەتلىك بىر كەسىپ ئىشچىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە كارخانا ۋە كەسىپنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى سالدى، بۇ، كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈمىدى.

پۇختا تەرەققىيات ئاساسى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قىزىلگۈل كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك ئاخىرقى كۈچكە ئىگە قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى تەخمىنەن 46 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 7000 توننىدىن ئاشىدۇ. باشلامچى كارخانىلارنىڭ يېتەكلىشىدىن باشقا، پۈتۈن ناھىيەدە يەنە قىزىلگۈل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 14ى قۇرۇلۇپ، قىزىلگۈل كەسپى 5523 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، مو بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 3500 يۈەندىن يۇقىرى بولدى.

«كېرىيە قۇملۇق قىزىلگۈلى» پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى، قىزىلگۈل شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى «بېيىش گۈلى» «بەخت گۈلى»گە ئايلاندى.