قۇۋۋەت نانلىرى بىلەن بىيىش يولىنى ئېچىش
【发布时间】2020-07-01  作者:zulhumar  来源:新疆广播电视台

  5- ئاينىڭ 27- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيە تۈمەنتال يېزا ئاياغتام كەنتىدىكى مۇسا يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىدا، قوشماقلاشقان تۆت تۇغقان، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە خېمىر يۇغۇرۇش، ئېچىش، گۈل چېكىش، توكلۇق تونۇرغا نان يېقىش بىلەن ئالدىراش بولدى. بەش مىنۇتتىن كېيىن، تونۇردىكى نانلار سارغىيىپ پىشتى، ناننىڭ مەززىلىك ھېدى دىماققا ئۇرۇلدى. يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئوزۇقلۇق نان مەشغۇلات ئۆيىدە، قوشماقلاشقان تۇغقان، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇنسا مەخەت ئىش كىيىمىنى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، مەشغۇلات سۇپىسى ئالدىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. «ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى ئويلىغان بولساممۇ، بالام كىچىك بولغاچقا، خاتىرجەم بولالمايتتىم. ھازىر ياخشى بولدى، مەن قۇۋۋەت نان ئىشلەپچىقىرىش يېقىش سېخىدا ئىشلەپ، كەنتتىن چىقمايلا پۇل تىپىۋاتىمەن» دېدى تۇنسا. قوشماقلاشقان تۇغقان، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئوسمان مۇسا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ھازىر گازىر، سوڭپىياز، كۈنجۈت، باش پىياز تەملىك قۇۋۋەت نانلىرىنى يېقىۋاتىمىز. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، تۇغقانلاشقان كادىرلار، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئىلھام بېرىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردىمى بولغاچقىلا، بىز بۇ يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنى قۇرۇپ ئوزۇقلۇق نېنى يېقىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتۇق. مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە كىرىمىمنى ئاشۇرۇپ بېيىپ، يۇرتداشلارنى بېيىشقا يېتەكلەيمەن». ھازىر موسا يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ ئوزۇقلۇق نېنى يېقىش سېخى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، يەتتە ئادەم بۇ يەردە ئىشلەپ، تۆتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  بۇ يىل 3- ئاينىڭ بېشىدا، ئاياغتام كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات دېھقان ئوسمان بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ناۋايخانا ئېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ شىنيىنى ئىزدىدى. يۈ شىنيى ئاكا- ئۇكا ئۈچەيلەننىڭ ئويىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئۇلارغا «ئەنئەنىۋى كەسىپ، زامانىۋى ئۈسكۈنە، يېڭىلىق يارىتىلغان تۈر» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش يولىنى قوللىنىپ، شۇ جايدىكى ئىستېمال بازىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى، تېخىمۇ كۆپ قوشماقلاشقان تۇغقانلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى يېتەكلەپ، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئوسمان ئاكا- ئۇكا ئۈچەيلەننىڭ بىرلىكتە ئۈسكۈنە تاللاش، سېخنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىنى لاھىيەلەش، بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىشىغا ياردەم بەردى. ھەم ئۇلارغا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسى، يېمەكلىك تازىلىقى ئىجازەتنامىسى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، بىخەتەر، ساغلام ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. يۈ شىنيى يەنە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تۇنسا قاتارلىق ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن تۆت نامرات ئاھالىنى موسا يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئىشقا تونۇشتۇردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ كەيلياڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدا ھەم قۇۋۋەت نانلىرىنى پىششىقلاش سېخىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلغىلى ھەم كەنتىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ».

  قۇۋۋەت نان ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ قۇرۇلۇشى -- مەكىت ناھىيەسىدىكى تۇنجى توكلۇق تونۇردا نان يېقىش لىنىيەسى بولۇپ قالدى. سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلغان مەزگىلدە، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە ئامال، چارە تېپىپ، ئۇلارنىڭ سېتىش يوللىرى، سېتىش بازىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كۆلەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. ھازىرغىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق قۇۋۋەت نېنى يېقىپ ساتتى. يۈ شىنيى مۇنداق دېدى: «قۇۋۋەت نانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سېخى قۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ئېتىزىنى ياخشى باشقۇرۇش بىلەن بىللە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كۈن كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق». يۈ شىنيىنىڭ ئېيتىشىچە كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار قوشماقلاشقان تۇغقانلار، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى قۇۋۋەت نانلىرىنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىشكە داۋاملىق يېتەكلەيدىكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆت خىل تەملىك ئۆزى ئويۇتقان قېتىق ۋە ئۆزگىچە تەملىك راڭپىزا تەييارلىشىغا ياردەم بېرىپ، قۇۋۋەت نانلىرى، ئۆزى ئويۇتقان قېتىق ۋە راڭپىزا قاتارلىق ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى ماس قەدەمدە ئىشلەپچىقىرىش، ئوراپ قاچىلاپ سېتىشتەك تىجارەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئىستېمال بازىرىنى ئىگىلەشكە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە سېتىش (ۋاكالىتەن سېتىش) نى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، يەتكۈزۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توكلۇق تونۇردا نان يېقىشنى ئاساس قىلغان يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىنى بېيىش يولىغا ئايلاندۇردى.